خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سىبىرىيەدىكى تەجرىبىخانىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋەقەسىگە ئالاقىدار ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن» / Reuters
 

ۋاشىنگتوننىڭ موسكۋا ئۈستىدىكى دىپلوماتىك بېسىمنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، سىبىرىيەدىكى بىر ۋابا تەتقىقات ئورگىنىدا بىر تەجرىبىخانا تېخنىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن روسىيەگە تولۇق ئوچۇق يورۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش چاقىرىقى قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غەبرەيېسۇس: «زىددىيەتلىك دوكلاتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە يوشۇرۇن خەلق سالامەتلىكى خەتەرلىرىنىڭ توغرا بىر شەكىلدە باھالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا سەھىيە تۈزۈمى دائىرىسىدە ۋاقتىدا، تولۇق ۋە ئوچۇق يورۇق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تىلغا ئېلىنغان ۋەقەنى بىۋاسىتە روسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ژۇرنالىستلارغا: «ھە، پىلانلانغان بىر كۆرۈشۈشۈم بار» دېگەن ترامپ، كۆرۈشۈشنىڭ «ناھايىتى يېقىندا» ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار

روسىيەنىڭ مۇستەقىل خەۋەر ئاگېنتلىقى «People of Baikal» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق ئىركۇتسك ۋابا بىلەن كۈرەش قىلىش تەتقىقات ئورنىدا 28 ياشلىق تېخنىك دەريا شىپىلوۋا كېسەللىك قوزغاتقۇچى خاراكتېرلىك بىر تەجرىبە تۇرۇبىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۆپكە ياللۇغى ۋاباسىغا گىرىپتار بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدە بولغان 200 گە يېقىن كىشىنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

روسىيە دائىرىلىرى، ئۆلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلارنىڭ شىپىلوۋانىڭ خىزمىتى بىلەن باغلانغان ھەرقانداق بىر كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيەگە ئىشارەت قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خەۋەرلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

ئۆپكە ياللۇغى ۋاباسى، داۋالانمىغان تەقدىردە نەپەس ئېلىش سىستېمىسى كەمچىللىكى ۋە ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان، باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە يۇقۇملۇق تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US monitoring suspected pneumonic plague in Russia, Trump says
ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى
رۇسىيەنىڭ دىنېپېر ئۆتۈشمىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن كىيېۋدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈك زەربىگە ئۇچرىدى
ئەندى بېرنخام برېكسىتنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى