قاتىل ئىسرائىلىيە 1948-يىلىدىن بۇيان پەلەستىن خەلقىگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈردى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا غەززەدە 74 مىڭ كىشىنى قەتل قىلغان ئىسرائىلىيە، رايون نۇپۇسىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا مەجبۇرلىدى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىغا قاراتقان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەۋج ئالدۇردى. ئۈچ يىل ئىچىدە غەززەگە 223 مىڭ توننا بومبا تاشلاندى. بۇ مىقدارنىڭ خىروشىماغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ 16 ھەسسىسىگە تەڭ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. تەخمىنەن 2 مىليون كىشى ياشايدىغان غەززە رايونىدا، ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان بىنالار خارابىلىككە ئايلاندى.
تۇنجى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 2023-يىلى 24-نويابىردا يولغا قويۇلدى. تەخمىنەن بىر ھەپتە داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىش 2023-يىلى 1-دېكابىردا ئاخىرلاشتى. بۇ جەرياندا 81 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن بىلەن 240 پەلەستىنلىك ئەسر قويۇپ بېرىلدى. ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇملىرىنى قايتا باشلىدى.
ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى
ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى. 2025-يىلى 19-يانۋاردا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تەخمىنەن ئىككى ئاي داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا 33 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن بىلەن 1900 پەلەستىنلىك ئەسىر قويۇپ بېرىلدى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇردى.
قاتىل ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى پەقەت بومبا بىلەنلا ئۆلتۈرۈپ قالماي، ئاچلىقنىمۇ قورال سۈپىتىدە ئىشلەتتى. 2025-يىلى 2-مارتتا، ئىسرائىلىيە غەززەگە كىرىش ئېغىزلىرىنى تەخمىنەن 11 ھەپتە بويىچە پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى. غەززەدە باشلانغان ئاچلىق ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلانماسلىق سەۋەبىدىن 164 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 460 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ياردەم تارقىتىش مەركەزلىرى ئۆلۈم تۇزىقىغا ئايلاندۇرۇلدى
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئاتالمىش ياردەم تارقىتىش مەركەزلىرىنى قۇردى. بىراق، بۇ مەركەزلەرنى ئۆلۈم تۇزىقىغا ئايلاندۇردى. بۇ نۇقتىلاردا 2 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، 19 مىڭ كىشى يارلاندى.
ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا 1145 پەلەستىنلىك قەتل قىلىندى
ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ترامپنىڭ 20 ماددىلىق پىلانى دائىرىسىدە 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلدى. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك پىلان تەييارلاندى. پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) قولىدىكى بارلىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەردى. غەززەنىڭ شىمالىدىن سۈرگۈن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەر ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا ئۆي-ماكانلىرىغا قايتىشقا باشلىدى. ئەمما، ئۇلار قايتىپ كەلگەندە كۆرگەن بىردىنبىر نەرسە خارابىلىكلەر ئىدى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىسرائىلىيە، يەنە 1145 پەلەستىنلىكنى قەتلى قىلدى. كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى تېخىچە يولغا قويۇلمىدى.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 74 مىڭدىن ئاشتى
ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 74 مىڭدىن ئاشتى، 2 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ئائىلە پۈتۈنلەي نوپۇستىن ئۆچۈرۈلدى، 175 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى. مىڭلىغان كىشى تېخىچە خارابىلىكلەر ئاستىدا قالماقتا. قەتل قىلىنغانلارنىڭ 21 مىڭ 500 ى بوۋاق ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 58 مىڭ 800 بالا كەم دېگەندە ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.


















