ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئالتۇن جۈمە كۈنى شىددەت بىلەن چۈشتى
ترامپنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ يېڭى باشلىقىنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلاردىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن چۈشتى.كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتاللارمۇ بۇ ئايدا تارىخىي يۇقىرى چەككە يەتكەندىن كېيىن، ئالتۇنغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى.
ئالتۇن جۈمە كۈنى شىددەت بىلەن چۈشتى
دۇنيا ئىقتىسادىدىكى داۋالغۇشلار ئىچىدە ئالتۇن يەنىلا بىخەتەر مۈلۈك بولماقتا. (ئا ف پ، ئارخىپ.) / AFP

جۈمە (2026-يىلى 30-يانۋار) كۈنى ئالتۇن باھاسى، ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى(FED)    غا تېخىمۇ «قاتتىق قول»  باشلىقنىڭ تاللىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلار سەۋەبىدىن %4 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «بىخەتەر پاناھ جاي» غا ئېقىشى بىلەن، ئالتۇن يەنىلا 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئايلىق ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ قالدى.

گىرىنۋىچ ۋاقتى 05:20 گىچە، نەق ئالتۇن باھاسى %3 تۆۋەنلەپ ئۇنسىيە باھاسى 5232.57 دوللار بولدى، بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى تۆۋەنلەش نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە (29-يانۋار) كۈنى 5594.82 دوللارلىق تارىخىي رېكورتنى ياراتقان ئىدى.

ئالتۇن باھاسى يانۋار ئېيىدا ھازىرغىچە %20 تىن كۆپرەك ئۆرلەپ، ئىزچىل ئالتىنچى ئايلىق ئۆسۈشنى ۋە 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئۆرلەش رېكورتىنى يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا.

 

ئامېرىكانىڭ 2-ئايلىق ئالتۇن قەرەللىك مال باھاسى جۈمە كۈنى %1.8 تۆۋەنلەپ، ئۇنسىيە باھاسى 5225.0 دوللار بولدى.

«KCM Trade» نىڭ باش سودا ئانالىزچىسى تىم ۋاتېرر (Tim Waterer) مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىغا قاتتىق قول بىر كىشىنىڭ نامزاتلىققا تاللىنىش ئېھتىماللىقى، دوللارنىڭ قايتا ئۆرلىشى ۋە ئالتۇننىڭ زىيادە سېتىۋېلىنىش ھالىتىدىن كېيىنكى باھا تەڭشىلىشى قاتارلىق ئامىللار بۇ قىممەتلىك مېتال باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە (29-يانۋار) كۈنى جېروم پوۋېل (Jerome Powell) نىڭ ئورنىنى ئالىدىغان نامزاتنى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بازاردا مەركىزىي بانكا مۇدىرىيىتىنىڭ سابىق ئەزاسى كېۋىن ۋارش (Kevin Warsh) نىڭ تاللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر كۈچەيگەن ئىدى.

 « StoneX»  نىڭ پېشقەدەم ئانالىزچىسى مات سىمپسون (Matt Simpson) مۇنداق دېدى: «كېۋىن ۋارشنىڭ جېروم پوۋېلنىڭ ئورنىغا مەركىزىي بانكا باشلىقى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلار، ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says he will announce his Federal Reserve chair nominee on Friday morning

كۈمۈش ئالتۇنغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى

دوللار كۆرسەتكۈچى كۆپ يىللىق تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا ئۆرلىدى. بۇنىڭغا ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك قارارى مەلۇم دەرىجىدە تىرەك بولدى، شۇنداق بولسىمۇ دوللار يەنىلا ئىزچىل ئىككىنچى ھەپتىلىك تۆۋەنلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

دوللارنىڭ كۈچىيىشى، دوللار بىلەن باھالانغان ئالتۇننى چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ قىممەت قىلىپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بازارلار يەنىلا 2026-يىلى ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلىتىلىشىنى كۈتمەكتە.

تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىۋېيتسارىيەدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودا مەركىزى بولغان ئەنگلىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان ئالتۇن مىقدارى 2019-يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

نەق كۈمۈش باھاسى %3.6 تۆۋەنلەپ ئۇنسىيە باھاسى 111.99 دوللار بولدى، پەيشەنبە (29-يانۋار) كۈنى 121.64 دوللارلىق تارىخىي يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىدى. كۈمۈش باھاسى يانۋاردا ھازىرغىچە %56 ئۆرلەپ، تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ئايلىق نەتىجىنى ياراتماقتا.

نەق پلاتىنا (platinum) باھاسى دۈشەنبە (26-يانۋار) كۈنىدىكى 2918.80 دوللارلىق تارىخىي رېكورتىدىن كېيىن، %3.7 تۆۋەنلەپ 2531.84 دوللار بولدى. پاللادىي (palladium) باھاسى %4 تۆۋەنلەپ 1925.50 دوللارغا چۈشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Record after record: Gold skyrockets, passes $5,500 per ounce benchmark
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى