ترامپنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ يېڭى باشلىقىنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلاردىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن چۈشتى.كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتاللارمۇ بۇ ئايدا تارىخىي يۇقىرى چەككە يەتكەندىن كېيىن، ئالتۇنغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى.
جۈمە (2026-يىلى 30-يانۋار) كۈنى ئالتۇن باھاسى، ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى(FED) غا تېخىمۇ «قاتتىق قول» باشلىقنىڭ تاللىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلار سەۋەبىدىن %4 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «بىخەتەر پاناھ جاي» غا ئېقىشى بىلەن، ئالتۇن يەنىلا 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئايلىق ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ قالدى.
گىرىنۋىچ ۋاقتى 05:20 گىچە، نەق ئالتۇن باھاسى %3 تۆۋەنلەپ ئۇنسىيە باھاسى 5232.57 دوللار بولدى، بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى تۆۋەنلەش نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە (29-يانۋار) كۈنى 5594.82 دوللارلىق تارىخىي رېكورتنى ياراتقان ئىدى.
ئالتۇن باھاسى يانۋار ئېيىدا ھازىرغىچە %20 تىن كۆپرەك ئۆرلەپ، ئىزچىل ئالتىنچى ئايلىق ئۆسۈشنى ۋە 1980-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق ئۆرلەش رېكورتىنى يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئامېرىكانىڭ 2-ئايلىق ئالتۇن قەرەللىك مال باھاسى جۈمە كۈنى %1.8 تۆۋەنلەپ، ئۇنسىيە باھاسى 5225.0 دوللار بولدى.
«KCM Trade» نىڭ باش سودا ئانالىزچىسى تىم ۋاتېرر (Tim Waterer) مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىغا قاتتىق قول بىر كىشىنىڭ نامزاتلىققا تاللىنىش ئېھتىماللىقى، دوللارنىڭ قايتا ئۆرلىشى ۋە ئالتۇننىڭ زىيادە سېتىۋېلىنىش ھالىتىدىن كېيىنكى باھا تەڭشىلىشى قاتارلىق ئامىللار بۇ قىممەتلىك مېتال باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى.»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە (29-يانۋار) كۈنى جېروم پوۋېل (Jerome Powell) نىڭ ئورنىنى ئالىدىغان نامزاتنى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بازاردا مەركىزىي بانكا مۇدىرىيىتىنىڭ سابىق ئەزاسى كېۋىن ۋارش (Kevin Warsh) نىڭ تاللىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر كۈچەيگەن ئىدى.
« StoneX» نىڭ پېشقەدەم ئانالىزچىسى مات سىمپسون (Matt Simpson) مۇنداق دېدى: «كېۋىن ۋارشنىڭ جېروم پوۋېلنىڭ ئورنىغا مەركىزىي بانكا باشلىقى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلار، ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.»
كۈمۈش ئالتۇنغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى
دوللار كۆرسەتكۈچى كۆپ يىللىق تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا ئۆرلىدى. بۇنىڭغا ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك قارارى مەلۇم دەرىجىدە تىرەك بولدى، شۇنداق بولسىمۇ دوللار يەنىلا ئىزچىل ئىككىنچى ھەپتىلىك تۆۋەنلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
دوللارنىڭ كۈچىيىشى، دوللار بىلەن باھالانغان ئالتۇننى چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ قىممەت قىلىپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بازارلار يەنىلا 2026-يىلى ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلىتىلىشىنى كۈتمەكتە.
تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىۋېيتسارىيەدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودا مەركىزى بولغان ئەنگلىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان ئالتۇن مىقدارى 2019-يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.
نەق كۈمۈش باھاسى %3.6 تۆۋەنلەپ ئۇنسىيە باھاسى 111.99 دوللار بولدى، پەيشەنبە (29-يانۋار) كۈنى 121.64 دوللارلىق تارىخىي يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىدى. كۈمۈش باھاسى يانۋاردا ھازىرغىچە %56 ئۆرلەپ، تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ئايلىق نەتىجىنى ياراتماقتا.
نەق پلاتىنا (platinum) باھاسى دۈشەنبە (26-يانۋار) كۈنىدىكى 2918.80 دوللارلىق تارىخىي رېكورتىدىن كېيىن، %3.7 تۆۋەنلەپ 2531.84 دوللار بولدى. پاللادىي (palladium) باھاسى %4 تۆۋەنلەپ 1925.50 دوللارغا چۈشتى.