خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇنىڭ پاراخورلۇق دېلوسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش سوتى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
مەزكۇر ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى نېتانياھۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمما ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن «بىخەتەرلىك سەۋەبلىرى» باھانىسى بىلەن چىقىرىلدى.
نېتانياھۇنىڭ پاراخورلۇق دېلوسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش سوتى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
نېتانياھۇنىڭ پاراخورلۇق دېلوسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش سوتى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى / AA

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىغا ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ پاراخورلۇق دېلوسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش سوتى باشلىنىشقا بىر سائەت قالغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «Yedioth Ahronoth» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سوتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئادۋوكات ئامىت ھادادنىڭ (Amit Hadad) تەلىپى بىلەن، ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن «بىخەتەرلىك سەۋەبلىرى» باھانىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.

دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سوتنىڭ ۋاقتى، ئىران بىلەن 28-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن بېرىلگەن ئۇزۇن توڭلىتىغتىن كېيىن پىلانلانغان ئىدى.

نېتانياھۇ 1000، 2000 ۋە 4000 نومۇرلۇق دېلولار دەپ تونۇلغان ئۈچ ئايرىم دېلودا پارا ئېلىش، ئالدامچىلىق ۋە ئىشەنچنى سۇيىئىستېمال قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. تەپتىشلەر بۇ دېلولارغا ئالاقىدار ئەيىبنامىلەرنى 2019-يىلى نويابىردا سۇنغان ئىدى.

4000 نومۇرلۇق دېلودا، نېتانياھۇنىڭ «Walla» خەۋەر تور بېتىنىڭ سابىق خوجايىنى ۋە «Bezeq» تېلېگراف شىركىتىنىڭ سابىق باشقۇرغۇچىسى شاۇل ئېلوۋىتچقا (Shaul Elovitch) ئۆزى ھەققىدە ئىجابىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش بەدىلىگە، مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تەرتىپكە سېلىش قارارلىرىنى قوللىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر ئورۇن ئالغان.

بۇ سوت 20-ئاپرېلدا «بىخەتەرلىك-دىپلوماتىك سەۋەبلەر» بىلەن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

دېلو نېتانياھۇنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش جەريانىدىكى سوئال-جاۋاب باسقۇچى بىلەن داۋاملاشماقتا.

نېتانياھۇ تۇنجى قېتىم 2024-يىلى دېكابىردا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. تەپتىشلەر 36 قېتىملىق تەكشۈرۈش يىغىنىدىن كېيىن، 2025-يىلى ئىيۇندا سوئال-جاۋاب باسقۇچىنى باشلىغان ئىدى.

پاراخورلۇق دېلوسىدىن سىرت، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2024-يىلى نويابىردا نېتانياھۇ ئۈستىدىن غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى