پاكىستان سەيشەنبە كۈنى قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان فاتىھ -4 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ مۇساپىسى ئۇزارتىلغان نۇسخىسىنى سىناق قىلدى.
ئارمىيەنىڭ ئاخبارات قانالى بولغان قوراللىق قىسىملار ئاممىۋى ئالاقە ئىدارىسى (ISPR) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلغان ئاۋىياتسىيە سىستېمىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى تېخنىكا مەھسۇلى بولغان يول كۆرسىتىش ياردەمچىلىرى بىلەن تەمىنلەنگەن.
باياناتتا، قورال سىستېمىسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلەردىكى نىشانلارنى يۇقىرى ئېنىقلىق ۋە ئۆلتۈرۈش كۈچى بىلەن ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى.
سىناق يەنە، «ئېشىش نىسبىتى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان قوغدىنىش ئىقتىدارى ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەر خىل ياردەمچى سىستېمىلارنىڭ قوشۇمچە تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرىنىمۇ دەلىللىدى».
پاكىستان كېڭىيىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلماقتا
قويۇپ بېرىش پائالىيىتى، پىرېزىدېنت ئاسىف ئەلى زەردارى، باش مىنىستىر شەھباز شەرىف ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى مارشال ئاسىم مۇنىردىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار، ئمۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىنژېنېرلار تەرىپىدىن كۆزىتىلدى.
پاكىستان قوراللىق قىسىملىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى كېڭەيتمەكتە.
فاتىھ يۈرۈشلۈكلىرىمۇ دۆلەتنىڭ كۈنسېرى چوڭىيىۋاتقان ئېنىق نىشانغا ئېلىش قوراللىرى ئامبىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.















