تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دۆلەتلىرى نۇقتىلىق مىنېراللار، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورناتتى.
جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم  ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم ھەمكارلىق ئورنىتىلدى

رەھبەرلەر ھەمكارلىققا ئالاقىدار كېلىشىملەر ۋە كەلگۈسى تەسەۋۋۇرلىرىنى خۇلاسىلىگەن سېئۇل خىتابنامىسىنى ماقۇللىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) رەھبەرلىرى ياساش ۋە ئۇل ئەسلىھە، نۇقتىلىق مىنېراللار، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىدۇ.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرى، سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن كورېيە-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان.

پرېزىدېنتلىق ئىدارىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت كاتىپى سوڭ گىخوڭ يىغىندا رەھبەرلەرنىڭ سانائەت سىياسەتلىرى، ياساش ۋە ئۇل ئەسلىھە، نۇقتىلىق مىنېراللار، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوڭ رەھبەرلەرنىڭ ھەمكارلىققا ئالاقىدار كېلىشىملەرنى ۋە كەلگۈسى تەسەۋۋۇرلىرىنى خۇلاسىلىگەن سېئۇل خىتابنامىسىنى ماقۇللىغانلىقىنى، بۇنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا 30 يىللىق ھەمكارلىق دەۋرىنى باشلايدىغان بىر «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رەھبەرلەر سۈنئىي ئىدراك ۋە ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بىر قوشما قۇرۇلۇشنى باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى