تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى 31-تەرەپلەر كونفېرانسىنىڭ (COP31) تۈركىيەگە مۇناسىپ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ يىلنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورت ئېشىشى جەھەتتە مول ھوسۇللۇق ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولات: «10 كۈندىن كېيىن نويابىر ئېيىنىڭ ئېكسپورت رېكورتىنى ئېلان قىلىمىز. رەقەملەر ياخشى كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەنىدە ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنى بۇزدۇق. بۇنچە زىچ ئايلىق رېكورتلارنى بۇزغان يىللىرىمىز ناھايىتى ئاز. يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورتىدا يەنە يىل ئاخىرىدا ناھايىتى گۈزەل رېكورت دەرەىجىلىك رەقەملىرىنى ئېلان قىلىمىز» دېدى.
تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاخىرقى 23 يىلدا تەخمىنەن 7 ھەسسە ئېشىپ، 238 مىليارد دوللاردىن ئىيۇن ئېيى ئېتىبارى بىلەن 1.7 تىرىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولات، تۈركىيەنىڭ سانائەت، سەھىيە، مۇھىت، ساياھەت، ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتىدە مۇھىم تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.














