خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
دۆلەتلەر «يېڭى دېھلى خىتابنامىسى» دە ئىشەنچلىك ۋە خەۋپسىز سۈنئىي ئىدراك چاقىرىقىدا بولدى
يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈنئىي ئىدراك باشلىقلار يىغىنىدا 86 دۆلەت كونكرېت ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
دۆلەتلەر «يېڭى دېھلى خىتابنامىسى» دە ئىشەنچلىك ۋە خەۋپسىز سۈنئىي ئىدراك چاقىرىقىدا بولدى
دۆلەتلەر «يېڭى دېھلى خىتابنامىسى» دە ئىشەنچلىك ۋە خەۋپسىز سۈنئىي ئىدراك چاقىرىقىدا بولدى / Reuters
 

يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈنئىي ئىدراك باشلىقلار يىغىنىدا 86 دۆلەت كونكرېت ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، خەۋپسىز، ئىشەنچلىك ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان سۈنئىي ئىدراك چاقىرىقىدا بولغان، مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىغان بىر خىتابنامىنى قوللىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتايمۇ ئارىسىدا بولغان ئونلىغان دۆلەت، يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە «خەۋپسىز، ئىشەنچلىك ۋە پۇختىلانغان» سۈنئىي ئىدراك چاقىرىقىدا بولدى.

86 دۆلەت ۋە ئىككى خەلقئارالىق تەشكىلات تەرىپىدىن ئىمزالانغان خىتابنامىدە: «خەۋپسىز، ئىشەنچلىك ۋە پۇختىلانغان سۈنئىي ئىدراك تەرەققىياتى، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ ۋە جەمئىيەتلىك، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسىدۇر» دېيىلدى.

خىتابنامە كونكرېت ۋەدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسىمۇ، سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات ئىقتىدارىنى خەلقئارا سەۋىيەدە بىرلەشتۈرۈشكە ئوخشاش پىدائىيلىققا ئاساسلانغان ۋە مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىغان تۈرلۈك تەشەببۇسلارنى تەكىتلىدى.

بەش كۈن داۋاملاشقان پائالىيەتنىڭ باياناتىدا: «سۈنئىي ئىدراك ۋەدىلىرى پەقەت مەنپەئەتلىرى ئىنسانىيەت بىلەن ئورتاقلىشىلغاندىلا ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن سۆز ئىشلىتىلدى.

ئىجادىي سۈنئىي ئىدراك (Generative AI) نىڭ بارلىققا كېلىشى «تېخنىكىلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ سۈپەتلەندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Uproar after Indian professor touts Chinese robot dog as homegrown tech

ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا شىركىتى باش ئىجراچىلىرىمۇ (CEO) بولغان ئونمىڭلىغان كىشى قاتناشقان سۈنئىي ئىدراك باشلىقلار يىغىنى، ئىجادىي سۈنئىي ئىدراكنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى قېتىملىق يىللىق دۇنياۋى يىغىن ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت ساھىبخانلىق قىلغان تۇنجى باشلىقلار يىغىنى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سۈنئىي ئىدراك كۈچى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۆتكەن يىلقى باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسىنى ئىمزىلىمىغان ئىدى.

دېھلىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ قىزىق نۇقتىلىرى ئارىسىدا كۆپ تىللىق سۈنئىي ئىدراك تەرجىمىسىنىڭ جەمئىيەتلىك مەنپەئەتلىرى، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش تەھدىتى ۋە سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنىڭ قويۇق توك سەرپىياتى ئورۇن ئالدى. خىتابنامىدە: «سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان سۈنئىي ئىدراك سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيمىز» دېيىلدى.

تەھلىلچىلەر، باشلىقلار يىغىنىنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە فرانسىيە، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئەنگلىيەدىكى ئىلگىرىكى يىغىنلاردا بېرىلگەن ئېنىق بولمىغان ۋەدىلەر سەۋەبىدىن كونكرېت ۋەدىلەرنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئالدىن ئېيتقان ئىدى.

يىغىن خىتابنامىسىدە يەنە «يوشۇرۇن خەۋپسىزلىك جەھەتلىرىگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى» بايان قىلىندى.

تېكىستتە: «سۈنئىي ئىدراك سىستېمىلىرىدا خەۋپسىزلىكنىڭ مۇھىملىقىنى، ساھە باشلامچىلىقىدىكى پىدائىيلىق تەدبىرلىرىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە جامائەت مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان تېخنىكىلىق ھەل قىلىش چارىلىرى بىلەن مۇۋاپىق سىياسەت رامكىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئېتىراپ قىلىمىز» دېيىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Bill Gates pulls out of India AI summit amid Epstein fallout
ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
شى جىنپىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەركىن سودا ساھەسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلدى
مۇرات قۇرۇم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن «ئانتاليا-غەززە كىلىمات كارىدورى» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 18.11.2026
جەنۇبىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى
رۇسىيەنىڭ دىنېپېر ئۆتۈشمىلىرىنى نىشان قىلىشى بىلەن كىيېۋدا ئىككى چوڭ كۆۋرۈك زەربىگە ئۇچرىدى
ئەندى بېرنخام برېكسىتنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئەرىھا ئەتراپىدا بىر پەلەستىنلىك ئايالنى ئۆلتۈردى
ئىران ئامېرىكا پايتەختىگە مەينەت بومبا ياكى خىمىيەلىك ھۇجۇم پىلانلىماقتا
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىن ئاشلىقنى دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى