ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۆزىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
موسكۋا خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ رۇسىيە نېفىتىسىز مۇقىم بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
رۇسىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۆزىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن پاراخوتلارغا يۈكلەنگەن روسىيە نېفىتىنى سېتىشقا ئىجازەت بەردى. / AP

موسكۋا جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تەمىنلەش زەنجىرىدە كاشىلا كۆرۈلگەن بىر مەزگىلدە، خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ رۇسىيە نېفىتىسىز «مۇقىم بولالمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتونغا ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن بەزى نېفىت ئېمبارگولىرىنى يېنىكلەتتى؛ بۇ ئەھۋال ئۇكرائىنا توقۇنۇشى بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بىر پەيتتە، ۋاشىنگتوننى چەكلىمىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان غەربلىك ئىتتىپاقداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە تېھراننىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىدىكى پائالىيەتلەرنى تامامەن دېگۈدەك توختىتىپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە ۋە قاتناش ساھەلىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەتلەر تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش ۋە باھانى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان رۇسىيەنىڭ دېڭىزدىكى نېفىتىنىڭ سېتىلىشىغا ۋاقىتلىق رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى بۇ ھەپتە تەخمىنەن 120 دوللارغا ئۆرلەپ، يۇقۇمدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

G7 نىڭ قارشىلىقى

رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد ۋەكىلى كىرىل دمىترىيېۋ جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ۋاشىنگتوننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشىنىڭ «بارغانسېرى بىر مۇقەررەرلىك»كە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. دمىترىيېۋ تېلېگرام ئارقىلىق ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمەلىيەتتە ھەممىگە ئايان بولغان ھەقىقەتنى ئاشكارىلاۋاتىدۇ: رۇسىيە نېفىتىسىز خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرى مۇقىم بولالمايدۇ. كۈچىيىۋاتقان ئېنېرگىيە كىرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بىريۇسسېلدىكى بەزى بىيۇروكراتلارنىڭ قارشىلىقىغا قارايماي، رۇسىيە ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ بوشىتىلىشى كۈنسېرى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشقا ئايلانماقتا.»

بىراق، G7 نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فىرانسىيەنىڭ پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى رۇسىيە ئۈستىدىكى ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى «ھېچقانداق شەكىلدە» ئورۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماكرون G7 رەھبەرلىرى بىلەن ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان سىنلىق يىغىندىن كېيىن: «ئورتاق پىكىر شۇكى، رۇسىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەىمىزنى ئۆزگەرتمەسلىكىمىز ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە نېفىتىگە رۇخسەت قىلىندى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى؛ 12-مارت شەرق ۋاقتى كېچە سائەت 00:01 دىن (تۈركىيە ۋاقتى 07:01) ئىلگىرى پاراخوتلارغا قاچىلانغان رۇسىيە خام نېفىتى ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە سېتىشقا، 11-ئاپرېل كېچە سائەت 00:01 گە (تۈركىيە ۋاقتى 07:01) قەدەر رۇخسەت قىلىدىغان بىر ئىجازەتنامە ئېلان قىلدى.

بۇ قەدەم ۋاشىنگتوننىڭ ئۆتكەن ھەپتە دېڭىزدا قاپسىلىپ قالغان رۇسىيە نېفىتىنىڭ ھىندىستانغا سېتىلىشىغا ۋاقىتلىق رۇخسەت قىلىشىدىن كېيىن تاشلاندى.

مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت ھىندىستانغا بېرىلگەن رۇخسەتنىڭ «تار دائىرىلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك بىر تەدبىر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆز باياناتىدا، ئېنېرگىيە كىرىمىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدا ئېلىنىدىغان باجلاردىن ئېرىشىدىغان «رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە مۇھىم بىر مالىيە مەنپەئەتى يەتكۈزمەيدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

دمىترىيېۋ بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا فلورىدادا ئامېرىكالىق سۆھبەتچىلەر بىلەن «ئۈنۈملۈك بىر يىغىن»غا قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى؛ بۇ ئىران ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سۆھبەت بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

ئىزدىنىڭ
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»
سۈرىيە ئاغدۇرۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى
ترامپ باش ئەلچىلەرنىڭ پاكىستان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چاناققەلئە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنىڭ 111 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
خىتاي ئامېرىكانى يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ئىران پاكىستاندىكى سۆھبەتلەردە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
7-نۆۋەتلىك خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى
ئارگېنتىنا فالكلاند ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
«ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەردىن ئالتۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا»
ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە غەززەدە 10 ياشلىق بىر قىز ئېغىر يارى
فىرانسىيەلىك بىر يەھۇدىي گۇرۇھى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بەرگەن FedEx ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى
ئامېرىكا ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ رەھبىرى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا 22 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە لىۋانغا يەنە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى