غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە پارلامېنتى پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى تاقايدۇ
ئاشقۇن ئوڭچى ھۆكۈمەت، پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا قارىتىلغان تالاش-تارتىشلىق تەدبىرلەرنى يول قويماقتا، تەنقىدچىلەر رادىكال ھاكىمىيەتنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە پارلامېنتى پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى تاقايدۇ
ئىسرائىلىيە پارلامېنتى پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى تاقايدۇ / AP
2025-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى (كېنىسسىت)، پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە رۇخسەت قىلىدىغان بىر لايىھە بىلەن ھۆكۈمەتكە سوتنىڭ تەستىقلىشى بولماي تۇرۇپ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى مەڭگۈلۈك تاقاش ھوقۇقى بېرىدىغان بىر لايىھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تالاش-تارتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەر ئىككى تەدبىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەندى؛ لايىھەلەر پارلامېنتتا تۇنجى قېتىملىق ئوقۇشتىن ئۆتتى ۋە ئاخىرقى تەستىقلىنىشتىن ئىلگىرى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئۈچۈن كومىتېتقا ئەۋەتىلدى.

تۇنجى لايىھە، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گىۋىر رەھبەرلىكىدىكى يەھۇدىي كۈچى (Otzma Yehudit) پارتىيەسىنىڭ تەكلىپى بولۇپ، «نەپرەت ياكى ئىسرائىلىيەگە زىيان سېلىش مەقسىتىدىكى» ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

لايىھە، 120 پارلامېنت ئەزاسىدىن 39 ىنىڭ قوللىشى، 16 سىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن تۇنجى ئوقۇشتىن ئۆتتى.

مەزكۇر رادىكال مىنىستىر، نەتىجىنى X دا «تارىخىي بىر پەيت» دەپ ئاتاپ، پارتىيەسىنىڭ «ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەدىسىنى ئورۇندىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ قارارنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ تەكلىپنى ئەيىبلەپ؛ لايىھەنىڭ بولۇپمۇ پەلەستىنلىكلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئايرىمچىلىق سىستېمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

يىغىن جەريانىدا ئەرەب پارلامېنت ئەزاسى ئەيمان ئودەھ بىلەن بېن-گىۋىر ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە جىسمانىي تۇتۇشۇشقا يېقىنلىشىدىغان دەرىجىدە قاتتىق مۇنازىرە يۈز بەردى. بۇ ئەھۋال پارلامېنت ئىچىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ئىسرائىلىيەدە ناتسىست جىنايەتچىسى ئادولف ئېيخماننىڭ 1962-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆلۈم جازاسى قوللىنىلغان بولىدۇ.

تاراتقۇ چەكلىمىلىرى

شۇ كۈنى پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالدى» دەپ قارالغان چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى ۋاقىتلىق تاقاش ھوقۇقى بېرىدىغان سۆزگە «ئەل-جەزىرە قانۇنى» نى مەڭگۈلۈك ھالغا كەلتۈرىدىغان بىر لايىھەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

لىكۇد پارلامېنت ئەزاسى ئارىئېل كاللنېر تەرىپىدىن سۇنۇلغان يېڭى بەلگىلىمە، سوتنىڭ نازارەت قىلىشىنى بىكار قىلىدۇ ۋە تىنچلىق دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاقاشقا رۇخسەت قىلىدۇ. لايىھە، دەسلەپكى ئوقۇشتىن 50 كە قارشى 41 قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشتى.

ئالاقە مىنىستىرى شلومو كەرھى، پارلامېنتىنى لايىھەنى تېزدىن ماقۇللاشنى تەلەپ قىلىپ، ۋاقىتلىق بەلگىلىمىنىڭ مۇددىتى توشقانلىقىنى ئېيتتى.

قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بولسا بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاساسىي قانۇن پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئەسلى قانۇن 2024-يىلى ئاپرېلدا، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا ئالاقىدار تارقىتىلغان خەۋەرلەر سەۋەبىدىن ئەل-جەزىرەنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشخانىسىنى تاقاشنى بۇيرۇشىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىدى.

تەنقىدچىلەر، ھەر ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ئىزچىل ھەربىي ھۇجۇملار ۋە كوللېكتىپ قولغا ئېلىشلار ئارىسىدا ئىسرائىلىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئېشىۋاتقان رادىكاللىققا يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار