خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيە ئامېرىكاغا دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مالىيە يىلى ئاخىرىغىچە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يۈزدە %2 گە ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيە ئامېرىكاغا دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
ياپونىيە ئامېرىكىغا دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى / AP
2025-يىلى10-ئاينىڭ29-كۈنى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى ئامېرىكىغا يەتكۈزدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىنجىرو كوئىزۇمى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتې خېگسېت بىلەن توكيودا كۆرۈشتى. بۇ ئۇچرىشىش ياپونىيە باش مىنىستىرى سانائې تاكائىچى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى. تاكائىچى ئۇچرىشىشتا ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قەتئىي كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خېگسېت ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كوئىزۇمى بىلەن ناھايىتى ياخشى بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇش ۋەدىسىنى قارشى ئالىمەن. بىز كۈچىمىز ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز» دېدى.

كوئىزۇمى ۋە خېگسېت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىيات پىروگراممىسى قاتارلىق ئۈچ مۇھىم ھۆججەتنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ ھۆججەتلەر ئالدىنقى باش مىنىستىر فۇمىئو كىشىدا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2022-يىلى دېكابىردا تەستىقلانغان بولۇپ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىدە مۇھىم بىر ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى نىشانى

كوئىزۇمى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ  يۈزدە %2 گە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، ئىلگىرىكى ۋەدىدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كوئىزۇمى ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى بىلەن تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك مۇھىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. خېگسېت بولسا ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدىن دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى تېزدىن ئىجرا قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇچرىشىشتا مەلۇم بىر سومما تەلەپ قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇچرىشىش كوئىزۇمىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن تۇنجى رەسمىي يىغىنى بولدى. تاكائىچى يەنە تۇنجى سىياسىي نۇتقىدا ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن يۈزدە %2 گە ئۆستۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قوبۇل قىلىنغان ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى دائىرىسىدە، ۋاشىنگتون ياپونىيەدە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، ھەربىي بازا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تۇرغۇزماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى: خىتاي ئىراننى ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ۋە ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرىگە بىرلىشىشنىڭ «تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ
«ئارتېمىس» ئەترىتى ئاي ئەتراپىدىكى پەرۋازىدىن كېيىن تىنچ ئوكيانغا قونىدۇ
پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى لىۋاندا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيەنى «راك» دەپ ئاتىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
ئىران تاراتقۇلىرى: خارازى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دا ھاياتىدىن ئايرىلدى
بېلگىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئىران: رامكا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى دەپسەندە قىلىندى
پاكىستان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى «تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىدى
گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى