پىكىر-مۇلاھىزىلەر
سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
يېڭى بىر دەۋر باشلانماقتا: مەككە كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مەككە كېلىشىمى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېڭى بىر دەۋر باشلانماقتا: مەككە كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
Türkiye, Suudi Arabistan ve Pakistan üçlü savunma anlaşması

سەرتاچ ئاقسان / TRT Haber

يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ ھالقىلىق كېلىشىملەرنىڭ بىرى مەككەدە ئىمزالاندى. تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. گەرچە كېلىشىمنىڭ نامىدا «مۇداپىئە» سۆزى بولغاچقا، كىشىنىڭ خىيالىغا دەسلەپتە ھەربىي مەسىلىلەر كەلسىمۇ، ئەمما بۇ ھەمكارلىق ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كەڭ بىر جۇغراپىيەدە ئىنتايىن مۇھىم نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.

بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق تەرەپلەرنىڭ بىرى، مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىدۇر. تۈركىيە بۇ ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا مۇداپىئە سانائىتى، يېڭى ئەۋلاد جەڭ تەلىماتلىرى ۋە «نېمىنى، قانداق قىلىشنى بىلىش» قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، ئىتتىپاقنىڭ مالىيە جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ناھايىتى زور ماددىي ئىمكانىيەتلەر رىياد ھۆكۈمىتى قاتناشقان تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىمدۇر. پاكىستان بولسا، ئىسلام دۇنياسىدىكى يادرو كۈچىگە ئىگە بىردىنبىر دۆلەتتۇر. شۇنداقلا ئۇ 250 مىليوندىن ئاشىدىغان نوپۇسى بىلەن مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ.

مەككە كېلىشىمىدىن نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشىنىش زۆرۈردۇر. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ قالايمىقان مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىمۇ ئېنىقسىز. ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى جەھەننەمگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تاجاۋۇزچىلىق زىھنىيىتى، شۇنداقلا ئىراننىڭ ئوتنى پۈتۈن پارس قولتۇقىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشىغا ئوخشاش يېقىنقى تەرەققىياتلار ھەممىگە مەلۇم.

يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىمۇ ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە. خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان سۈركىلىشى ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تېزدىن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش ئارزۇسى بۇ جەرياننى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە. رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار، كۆچمەنلەر ئېقىنى، ئادەتتىكى ئۇرۇشلار، تور ھۇجۇملىرى ۋە ئارىلاشما تەھدىتلەر بەلكىم ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كەسكىنلەشمەكتە. قىسقىسى ھەممە دۆلەت بىرەر ئۇسۇل بىلەن بۇ يېڭى دەۋرگە ماسلىشىشقا، ئۆز ئورنىنى كۈچەيتىشكە ۋە مەيدانىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتا. دەل مۇشۇ نۇقتىدا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىمزاسى ناھايىتى كەڭ بىر جۇغراپىيەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

نەجمەتتىن ئەرباكان ئۇنىۋېرسىتېتىدىن (Necmettin Erbakan Üniversitesi) دوتسېنت، دوكتور گۆكخان چىنكارا (Gökhan Çınkara) نىڭ قارىشىچە، ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مەزكۇر ئىتتىپاق كېلىشىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى «ئورتاق ھەمكارلىقلار» ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ نۇقتىدا مالىيە كۈچى بىلەن ئالدىنقى قاتارغا چىقالايدىغانلىقىنى ۋە بولۇپمۇ ھەربىي تۈرلەردە ئىنتايىن جىددىي تېزلىشىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئەنقەرەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدىكى يېتەكچى ئورنى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، چىنكارا بەزى ھالقىلىق تۈرلەردە تەرەققىيات جەريانىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ئەلۋەتتە پەقەت ئۇنىڭ مالىيە كۈچىلا ئەمەس. چىنكارا سەئۇدىيلارنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ رايوندىكى ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پاكىستان ھەققىدە توختالغاندا، ئۇ دەسلەپتە يادرو كۈچىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ھاۋا ئارمىيەسى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى ياخشى بىر نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چىنكارا تۈركىيەنىڭ سۈرىيە، ئىراق، شەرقىي ئاقدېڭىز قاتارلىق يېقىن رايونلاردىكى تەسىرىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پارس قولتۇقى بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۈستىدىكى كۈچىنى شۇنداقلا پاكىستاننىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى يېتەكچى رولىنى بىرلىكتە باھالاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭلاشقا مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىمزاسىنىڭ ناھايىتى كەڭ بىر دائىرىدە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلىدۇ.

ئۇ بۇ نۇقتىدا مۇنداق بىر ئەسكەرتىش بېرىدۇ: «كەلگۈسى دەۋردە مىسىر ۋە قاتار باشتا بولۇپ ئوخشىمىغان دۆلەتلەر بۇ ئىتتىپاققا قاتنىشىشنى خالىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئىران ۋە يەمەن مەسىلىسى شۇنچە جىددىي ۋە مۇرەككەپ داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈچ تەرەپلىك ئىتتىپاقنىڭ يەمەن مەسىلىسىدە ئەمەلىي بىر قەدەم تاشلىشىمۇ مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىش بولمايدۇ.»

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە مەككە كېلىشىمىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟

مەككە كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يېڭى جەريانغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىدۇر. گۆكخان چىنكارا ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ ئامېرىكا تەرىپى ھەققىدە توختىلىپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىنتايىن سەمىمىي ھەم ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى سەۋەبىدىن دىققىتىنى باشقا رايونلارغا يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇ تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا قويۇلغان ئىمزانىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىجابىي كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ھەتتا قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يېڭى ئۈچ تەرەپلىك ئىتتىپاقنىڭ ئىران ئۈستىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭمۇ يەنە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيە بولسا، مەككە كېلىشىمىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇپ بولغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى زۆرۈر تېپىلغاندا بىر گەۋدە بولۇپ ھەرىكەت قىلالايدىغان بۇ ئۈچ دۆلەتنى بىر يەردە كۆرۈشتىن ئەلۋەتتە بىئارام بولىدۇ. گۆخان چىنكارا ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنى ئىچكى سىياسەتتە «بىزگە قارشى ئىتتىپاق قۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېگەن شەكىلدە سۇيىئىستېمال قىلىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بىراق ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويماسلىق ئۈچۈن يېڭى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئەمدى بىرەر ئۇسۇل بىلەن باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىش يولىغا كىرىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

چىنكارا ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: مەزكۇر ئىتتىپاق گەرچە ھەربىي تەرەققىياتلار نۇقتىسىدىن باھالانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ناھايىتى جىددىي بىر دىيالوگ كۈچى بولىدۇ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، رايونلۇق تىنچلىق ۋە ئەتراپلىق ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
شارا: ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى سۈرىيە ۋە رايون ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ترامپ ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى
ئىسپانىيە: سېئۇتادىكى 50 مىڭ كۆچمەننىڭ كۆپىنچىسى ماراكەشكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتتى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ھەربىي يۈك توشۇيدىغان پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنادا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە - ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى