ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
ئاپتوموبىل سانائىتى، سېنتەبىردە 3 مىليارد 940 مىليون دوللار بىلەن ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان ساھە سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىندى.
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇغا ئۆتتى

تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TİM) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سېنتەبىر ئېيىدا سانائەت گۇرۇپپىسى ساھەلىرىدىن ئاپتوموبىل سانائىتى 3 مىليارد 940 مىليون دوللار ئېكسپورت قىلىپ، بىرىنچى ئورنىنى ساقلاپ قاغان.

ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان ساھەلەر ئارىسىدا خىمىيەۋى ماددىلار ۋە مەھسۇلاتلىرى 3 مىليارد 68 مىليون دوللار بىلەن ئىككىنچى، ئېلېكتىر ۋە ئېلېكترون ساھەسى 2 مىليارد 63 مىليون دوللار بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئالدىنقى ئايدا نىسبەت جەھەتتىن ئەڭ كۆپ ئېكسپورت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ساھە 203.3 % بىلەن ئۈنچە-مەرۋايىت ساھەسى بولدى. بۇ ساھەنىڭ سېنتەبىردىكى ئېكسپورتى 1 مىليارد 512 مىليون دوللارغا ئۆرلىدى.

تۈركىيە ئېكسپورتىنىڭ 72.5% نى ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى سېتىلىشى 16.8% ئېشىپ، 18 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن ئاشتى.

ئالدىنقى ئايدا ئېكسپورتنىڭ 12.3% نى ئىشقا ئاشۇرغان يېزا ئىگىلىك ساھەسى بولسا، 9.2% ئېشىش بىلەن تەخمىنەن 3 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق، ئېكسپورتنىڭ 2.6% نى تەشكىل قىلغان كانچىلىق ساھەسى بولسا 24.2% ئېشىش بىلەن 682 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق تاشقى سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەڭ كۆپ ئېكسپورت گېرمانىيەگە قىلىندى

ئالدىنقى ئايدا ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان ئالدىنقى ئۈچ دۆلەت تەخمىنەن 1 مىليارد 870 مىليون دوللار بىلەن گېرمانىيە، 1 مىليارد 460 مىليون دوللار بىلەن ئامېرىكا، 1 مىليارد 350 مىليون دوللار بىلەن ئەنگلىيە بولدى.

بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلغان ئالدىنقى 3 شەھەر بولسا 9 مىليارد 540 مىليون دوللار بىلەن ئىستانبۇل، تەخمىنەن 2 مىليارد 200 مىليون دوللار بىلەن كوجائەلى ۋە 1 مىليارد 700 مىليون دوللار بىلەن ئەنقەرە بولدى.

ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ترامپ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكاغا 200 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
قازاقىستان بىلەن گېرمانىيە تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە—ئامېرىكا سودا كېڭىشى يىغىنىدا  سۆز قىلدى
ئېنېرگىيەدە تارىخىي بۇرۇلۇش: سىلانېتس گازى ۋە سىلانېتس نېفىتى تەڭلىمىگە كىرمەكتە
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ
تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى 25 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
ياۋروپادىكى قۇش زۇكىمى تۈركىيە تۇخۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى