تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى.
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئورنى ۋە ئىرادىسىگە پىسەنت قىلمايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (AA)

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېريۇسسېلنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى تەيىنلەش قەدىمىنىڭ تەرەپسىزلىككە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قىبرىس ئارىلىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى ئاساس قىلغان ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى راففائېل فىتتونى تەيىنلىشىنى تەنقىد قىلىپ، مەزكۇر قەدەمگە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەرەپبازلىق دەپ باھا بەردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەيىنلەشنىڭ قىبرىس تۈرك تەرىپىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنماي ۋە قىبرىس تۈرك خەلقى پىسەنتكە ئېلىنماستىن  ئېلان قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ «ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك» قەدەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىرلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدە «تەرەپبازلىق پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقى»نى كۆرسەتتى ھەمدە كەلگۈسىدىكى ھەر قانداق ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لەفكوشا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىبرىس تۈركلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرماقتا

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، 2004-يىلى جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنى بىر تەرەپلىمە ئەزالىققا قوبۇل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى قىبرىس مەسىلىسىدىكى تەرەپسىزلىكى بىلەن ئىشەنچلىكلىكىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بولۇپ، ئارالدىكى نازۇك سىياسىي تەڭپۇڭلۇقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىش پوزىتسىيەسىنى قايتىدىن بىر ۋەكىل تەيىنلەش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرماقتا.»

مىنىستىرلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇم تەرەپنى بىر تەرەپلىمە قەدەملەر ئارقىلىق بىر تەرەپلىمە ئەمەلىيەت يارىتىشقا (مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشقا) ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ، مەزكۇر تىرىشچانلىقلارنىڭ غەلبىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق قىبرىس مەسىلىسىنىڭ دائىمىي ھەل قىلىنىشىنىڭ پەقەت ئارالدىكى ئىككى تەرەپنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە باراۋەر خەلقئارالىق سالاھىيىتى» گە ئاساسلانغان ھەمكارلىق سىستېمىسى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا

مىنىستىرلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەرەپسىزلىكىنى نامايان قىلىش ۋە قىبرىس تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاش قەدىمى سۈپىتىدە قىبرىس تۈركلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

شۇنداقلا قىبرىس تۈركلىرىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى بىلەن ئىرادىسىگە كۆز يۇمغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىبرىس مەسىلىسى ياۋروپانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە توقۇنۇشلىرىدىن بىرى بولۇپ قالماقتا؛ ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن شىمالدىكى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشلار نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان داۋام قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا