خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئارمىيەسى بىلەن ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بەھرەين، كۇۋەيت ۋە ئىيوردانىيەدىكى «دۈشمەن بازىلىرى»غا كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھەرىكىتىنى باشلغان.
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
ئىراننىڭ ئىيوردانىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلىپ ۋەزىيەتنى زور دەرىجىدە جىددىيلەشتۈرۈشى بىلەن، بەھرەيندە ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى چالدى. (سۈرەت: ماتېرىيال سۈرەت) / Reuters

بۇ ھەرىكەت جەريانىدا بەھرەيندىكى شەيخ ئىسا ھاۋا ئارمىيە بازىسى، كۇۋەيتتىكى ئىككى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئىيوردانىيەدىكى شاھزادە ھەسەن ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ،  شاھزادە ھەسەن بازىسىدىكى يېقىلغۇ باكلىرى بىلەن ئوق-دورا ئامبارلىرىغا ئوت كەتكەن.

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى ئىيوردانىيەدىكى مەزكۇر ئەسلىھەگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىران دېڭىز بويىدىكى بازىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر قوشۇن يەنە بەھرەيندىكى شەيخ ئىسا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىمۇ بومباردىمان قىلغانلىقىنى شۇنداقلا تىكۇچار رېمونت ئەسلىھەلىرى، بىر دانە P-8 تىپلىق ئايروپىلانلار ئامبارنى ۋە ئامېرىكانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قوماندانلىق-كونترول مەركىزىگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ كۇۋەيتتىكى ئىككى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۇر دەۋالار ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا رايون مىقياسىدا بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان قايتۇرما زەربە بېرىش ھۇجۇملىرى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

باياناتتا ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۆتكەن 48 سائەت ئىچىدە «دۈشمەننىڭ ھەرىكەتلىرى»نى كۆزىتىش نەتىجىسىدە ئېنىقلانغان نۇقتىلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى ھەرىكىتىنىڭ ئىز قوغلاش سىستېمىلىرىنى تاقىۋېتىش، يول يۈرۈش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى پاراخوتغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«قانۇنلۇق نىشان»

مەزكۇر بايانات ئىراننىڭ دۈشەنبە كۈنى دۆلەتكە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەر قانداق جاينىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش نۇقتىسىدىن «قانۇنلۇق نىشان» دەپ قارىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆز تېررىتورىيەسى ياكى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئامېرىكا ياكى باشقا تەرەپلەر تەرىپىدىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە يول قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا يەنە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆز تېررىتورىيەسىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ «مەنبەسى ۋە قويۇپ بېرىش نۇقتىسى» نىڭ ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.

بۇ تەرەققىياتلار ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى بىر ھۇجۇم دولقۇنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بىر نەچچە سائەت كېيىن يۈز بەردى؛ ئامېرىكا مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدا تېھراننىڭ سودا پاراخوتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن 22 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ ب د ت نىزامنامىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق يەنە ۋاشىنگتوننى 25 كۈن ئىلگىرى ئىمزالانغان رامكا كېلىشىمىنىڭ دېگۈدەك بارلىق ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىش ھەمدە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، بېلىقچى كېمىلىرى، يۈك پاراخوتلىرى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكانى ھورمۇز بوغۇزىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئارىلىشىۋالدى دەپ ئەيىبلەپ، بۇ قەدەمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىغا ئىشەنچسىزلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا خەلقئارا سودا دېڭىز قاتنىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا