غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇرۇشلارنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى
ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر مادرىدتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پەلەستىنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى / Reuters

«ئۇرۇشقا يول يوق» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن 34-نۆۋەتلىك ئارتىسلار جەمئىيىتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى.

ئىسپانىيەلىك سەنئەتچىلەر دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقىدا بولدى ۋە «ئەركىن پەلەستىن» نى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئىسپانىيە ئاخبارات ئورگىنى «La Razon» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن 34-نۆۋەتلىك ئارتىسلار جەمئىيىتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى «ئۇرۇشقا يول يوق» ۋە «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى» بولغان.

سەنئەتچىلەر يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى «نومۇس قىلارلىق ئەھۋال» غىمۇ بۇرىدى؛ چۈنكى شۇ قېتىمقى مۇراسىمدا پەقەت ئىسپانىيەلىك ئارتىس جاۋىيېر باردېملا «ئەركىن پەلەستىن» چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.

سەنئەتچىلەرنىڭ ياقىلىرىغا تاقىۋالغان «سەنئەتچىلەر پەلەستىن تەرەپتە» ۋە «ئۇرۇشقا يول يوق» دەپ يېزىلغان بەلگىلەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ چاقىرىقلار ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا قاراتقان بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە ئىراننىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 1300 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى؛ بۇ ھۇجۇملار ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە ۋەيرانچىلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە بازارلىرى ۋە ھاۋا قاتنىشىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم باشلىغان 28-فېۋرالدىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى.

ئۆتكەن ھەپتە، «مۇستەملىكىچىلىككە ۋە تاملارغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەپتىسىدە، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ 192 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالتە پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى