لى جېميۇڭ: شەخسلەرنىڭ شىمالىي كورېيە تەۋەلىكىدە ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچۇرۇشلىرىدىن «ئەپسۇسلىنمەن»
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جېميۇڭ شەخسىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى ۋە ئەسلىدىنلا نازۇك بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جېميۇڭ دۈشەنبە كۈنى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۇسلۇبتا بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ پيوڭياڭ بىلەن زۆرۈر بولمىغان ھەربىي جىددىيچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، شەخسلەرنىڭ ئىككى كورېيە چېگراسىدا ئۇچۇرتىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مەسىلىسىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە «2025-يىلى سېنتەبىردىن 2026-يىلى يانۋارغىچە بولغان مەزگىلدە شىمالىي كورېيەگە قارشى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچۇرغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئۈچ كىشى ئۈستىدىن دەۋا ئاچقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
لى «بۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىر ھەرىكىتى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق پەرۋاسىز قىلمىشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زۆرۈر بولمىغان ھەربىي جىددىيچىلىك سەۋەبلىك شىمالىي كورېيەگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن» دېدى.
پىرېزىدېنت لى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق ۋەقە ئۇنىڭ پيوڭياڭدىن بىۋاسىتە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ قالدى. لى «شەخسلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شىمالىي كورېيەگە قارىتا بۇنداق ئىغۋاگرىچىلىق خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق» دېدى ۋە بۇلارنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش» دەپ ئاتىدى. لى مەزكۇر قىلمىشلارنىڭ چېگرا رايونىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋەقەنىڭ زور دەرىجىدە جىددىيچىلىككە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى قىلدى.
پىرېزىدېنت لى 2025-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تىنچلىق بىشارەتلىرىنى بەرگەن بولسىمۇ، پيوڭياڭ بۇ تىرىشچانلىقلارنى رەت قىلدى ۋە ئۆتكەن ئاي جەنۇبىي كورېيەنى رەسمىي ھالدا «ئەڭ ئاشقۇن دۈشمەن دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى.