سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئېغىر يارىلاندى
ئىران تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى كەمال خاررازى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئېغىر يارىلاندى
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئېغىر يارىلاندى / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، تېھراندىكى بىر تۇرالغۇنى نىشان قىلغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئىراننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئېغىر يارىلانغان.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئىران تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەمال خاررازى ئۆيىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلانغان.

يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خاررازىنىڭ ئايالى بولسا ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خاررازى مەرھۇم دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى.

يېڭى دىنىي رەھبەر مۇجتەبا خامەنېي دادىسىنىڭ دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، خاررازى ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئەلى خامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىڭ 340 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيە بىلەن بىرگە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇشلۇق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

بۇ ھۇجۇملار جانغا زامىن بولۇش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»