پىكىر-مۇلاھىزىلەر
مەدەنىيەت
4 مىنۇت ئوقۇش
«نازا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى سىياسەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىنى يورۇتۇپ بەردى
ئىسرائىلىيەلىك رىژېسسورلار يۇۋال ئابراھام ۋە راچېل سزور تەرىپىدىن ئىشلىنىپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يېڭى ھۆججەتلىك فىلىم، كىنو - فىلىم دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا تۇنجى قويۇلدى.
«نازا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى سىياسەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىنى يورۇتۇپ بەردى
NAZA STUNS VENICE FESTIVAL

ئىسرائىلىيەلىك رىژېسسورلار يۇۋال ئابراھام ۋە راچېل سزور تەرىپىدىن ئىشلىنىپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يېڭى ھۆججەتلىك فىلىم، كىنو - فىلىم دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا تۇنجى قويۇلدى. «The Guardian» ئىشلەپچىقارغان ۋە نامىنى ئىنتايىن دىققەت تارتىدىغان بىر ئۇقۇمدىن ئالغان «NAZA» ناملىق فىلىم 83-نۆۋەتلىك ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو-فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە بۆلىكىدە كۆرسىتىلدى. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم بۇ يىل فېستىۋالدا كىنو دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئالتۇن شىر» مۇكاپاتى ئۈچۈن رىقابەتلەشكەن بىردىنبىر ھۆججەتلىك فىلىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئۇنداقتا، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمگە نام قىلىپ قويۇلغان «NAZA» دېگەن نېمە؟

فىلىم نامىنى ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى تەرىپىدىن بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنگەن پۇقرالارنىڭ سانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىبرانىيچە ھەربىي قىسقارتىلما بولۇپ، «ئىككىلەمچى زىيان» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «NAZA» سۆزىدىن ئالغان. بۇ ئەسەر، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، پەلەستىنلىكلەرنى بايقاش، ئىز قوغلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن مەخپىي سىستېمىلارغا دائىر چۆچۈتەرلىك ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلايدۇ.

كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان80 مىنۇتلۇق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىلىكىنى «The Guardian» ۋە «JW Films» تىن جېيمس ۋىلسون ئۈستىگە ئالغان، جوناتان گلېيزېر بولسا، تۈردە ئىجرائىيە رىژېسسورى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئېسىڭلاردا بولۇشى كېرەككى، ۋىلسون بىلەن گلېيزېر ئىلگىرى يەنە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «The Zone of Interest»، يەنى «مەنپەئەت رايونى» ناملىق فىلىمدە بىرلىكتە ئىشلەپ، زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى. «NAZA» ھۆججەتلىك فىلىمى بولسا، 2023- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئورتاق نەشرى بولغان «+972 Magazine»، ئىبرانىيچە نەشر قىلىنىدىغان «Local Call» ۋە «The Guardian» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چوڭقۇر تەكشۈرۈش-تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغان.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان نۇقتىلىرىنىڭ بىرى — سىستېمىنىڭ ئىچىدىن بىۋاسىتە كەلگەن گۇۋاھلىقلار

فىلىمدە 24 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ۋە ئىستىخبارات خادىمىنىڭ بايانلىرى ئورۇن ئالغان. زىيارەت قىلىنغان ئىسرائىلىيەلىك ئىستىخبارات ئوفىتسېرلىرى ۋە ئەسكەرلەر، ھاماسنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىنغان نۇرغۇن كىشىنى يوشۇرۇن نىشان قىلىپ بېكىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۈنئىي ئەقىل ئاساسىدىكى سىستېمىلارنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

ئۇلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، بۇ سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرى ئارقىلىق كىملىكى ئېنىقلانغان كىشىلەر، قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرىدىغانلىقى ئېنىق بىلىنگەن بولسىمۇ، كېچىدە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بومباردىمان قىلىنغان. ئىچكى ئۇچۇر بەرگەن بۇ كىشىلەر، ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن نىشان دەپ بەلگە قويۇلغان كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا سىڭىپ كىرىلگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن. بېرىلگەن گۇۋاھلىقلارغا قارىغاندا، ئىستىخبارات ئوفىتسېرلىرى نىشان قىلىنغان كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ جورىلىرى ۋە بالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى مەخپىي ئاڭلىغان؛ ھەتتا بۇ ئەھۋال بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلىنىشىدىن قىسقا ۋاقىت بۇرۇنغىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان.

ۋېنىتسىيەدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان رېژىسسور يۇۋال ئابراھام، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوفىتسېرلاردىن پەقەت ئۆزلىرى قىلغان خىزمەتنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابراھام ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئوفىتسېرلارغا پەقەت مۇنداق دېدۇق: <بىزگە نېمە قىلغانلىقىڭلارنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ سىستېمىلار قانداق ئىشلەيدۇ؟ بىزگە لايىھەسىنى سىزىپ بېرىڭلار.> بەزىدە پەقەت سوئال سوراش ئارقىلىقمۇ جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.» رېژىسسور ئابراھام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى مۇنداق خۇلاسىلىدى: «بەزىلىرى پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرمىدى، بەزىلىرى بولسا بىلدۈردى. بەزىسى پەرۋاسىزلىقتىن، بەزىسى پەخىرلىنىشتىن سۆز قىلدى.»

ھۆججەتلىك فىلىمدىكى گۇۋاھلىقلار، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئاھالىلەرنىڭ%25 كىچە بولغان قىسمىنىڭ ھېلىمۇ ئۆيلىرىدە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن رايونلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا دائىر بىرىنچى قول بايانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىيارەت قىلىنغان كىشىلەر پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بىر يېمەكلىك تارقىتىش نۇقتىسىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان.

«The Guardian» يەتكۈزگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، زىيارەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىر قانچىسى بىۋاسىتە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسىغا دوكلات بېرىدىغان مەخپىي بىر ئىستىخبارات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. بۇ كىشىلەردىن بىرى ئۆزى ئىشلىگەن بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ «تىنچلىقنى توسۇش» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

رېژىسسورلار ئابراھام ۋە سزور، فىلىمنىڭ ئايرىم ئەسكەرلەرنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىدىن كۆرە، بىۋاسىتە ھەربىي سىياسەت ۋە ئەمەلىيەتلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. رېژىسسورلار باياناتىدا: «بىزنىڭ دىققىتىمىز كونترولدىن چىققان ئەسكەرلەر سادىر قىلغان ئاندا-ساندا ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە ئەمەس؛ بۇيرۇقلارنىڭ ئۆزىگە، سىياسەتلەرگە، قوبۇل قىلىنغان ئەمەلىيەتلەرگە، بۇ ئەمەلىيەتلەرنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغان تىل ۋە لوگىكىغا، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە مەركەزلەشتى» دېگەن ۋە: «سىستېما ۋە ئۇنىڭ چىشلىقلىرى...» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلغان. رېژىسسور ئابراھام فىلىمنى دەل مۇشۇ 24 نەپەر ئەسكەر ۋە ئىستىخبارات خادىمىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا تايانغان «كۆلەملىك قىرغىنچىلىق سىستېمىلىرى» ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش دەپ تەسۋىرلىگەن.

مەيداندىكى ئاچچىق رېئاللىقلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىدۇ.

2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇيان ئىسرائىلىيە، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 174 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى. تەھلىلچىلەر بۇ مۆلچەرنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن باھالاش ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تەخمىنەن 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. غەززەنىڭ %60 ىنى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان ئىسرائىلىيە، قامال ئاستىدىكى خارابىلىك رايونىنىڭ زور قىسمىنى ۋەيران قىلىپ، پۈتكۈل ئاھالىنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىدى. 2025-يىلى ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلىشنى، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا؛ شۇ ۋاقىتتىن بۇيان كەم دېگەندە 1359 نەپەر پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، 4571 كىشى يارىلاندى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئۇرۇشتىن كېيىنكى سېنارىيەلەر ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە تەييارلىقلىرى بۇيرۇقى چۈشۈردى
دانىيە ھەربىي تىك ئۇچارىغا رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن سىگنال ئوقى ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسى كېچىدە 200 دانە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى»
پولشا ئۇكرائىناغا قىلىنغان رۇسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ھاۋا ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى
سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇچىچ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: خەلقىمىزنى خەۋپ - خەتەرلەردىن يىراق تۇتتۇق
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى
زېلېنسكىي: رۇسىيە ھەقىقەتەن خالىسا، ئۇكرائىنا جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە تەييار
ب د ت: «يەمەندىكى توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشى 137 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ مائارىپىنى ئاقسىتىپ قويماقتا»
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تۇنجى قېتىم جەزملەشتۈردى
ئانتروپىك ئەمەلدارى سۈنئىي ئەقىل رىقابىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن ئۈچ باسقۇچلۇق پىلان ئېلان قىلدى
ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىتۋانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئامېرىكا باش تەپتىشى: ئىران ئۇرۇشى «ئىستراتېگىيەلىك» ئوق-دورا كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا «قەتئىيلىك بىلەن» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى