ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
يېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقى قائىدىلىرى دائىرىسىدە 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاملار بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئۇلاپلا تۇرۇبا لىنىيەسى چەكلىمىلىرى يولغا قويۇلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكۈنچى بەلگىلىمىلىرى رۇسىيە گازىغا بېقىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەمىنلەشنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. / Reuters
2025-يىلى12-ئاينىڭ3-كۈنى

كېلىشىمگە ئاساسەن، 2026-يىلى قىسقا مۇددەتلىك سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) چەكلىمىسى باشلىنىدۇ؛ يېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقى قائىدىلىرى دائىرىسىدە 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاملار بىكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئۇلاپلا تۇرۇبا لىنىيەسى چەكلىمىلىرى يولغا قويۇلىدۇ.

ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە تەبىئىي گازى ئىمپورتىنى باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدىغان بىر تۈرلۈك ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

كېڭەش چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ نىزامنامە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ۋە تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق كېلىدىغان گاز ئىمپورتىغا قارىتا باسقۇچلۇق ۋە قانۇنىي جەھەتتىن مەجبۇرىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە؛ تەرتىپى بويىچە 2026-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2027-يىلىنىڭ كۈز پەسلىدىن باشلاپ تولۇق چەكلەش ئىجرا قىلىنىدۇ»  دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ ۋاقىتلىق كېلىشىم ئارقىلىق «بەرداشلىق كۈچى يۇقىرى» ۋە «مۇستەقىل» بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيە بازىرى بەرپا قىلىش نىشان قىلىنماقتا.

باياناتتا يەنە: «قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، نىزامنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئالتە ھەپتە ئىچىدە رۇسىيە تۇرۇبا گازى ۋە LNG ئىمپورتىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، مەۋجۇت توختاملار ئۈچۈن بولسا مەلۇم بىر ئۆتۈش دەۋرى قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى» دېيىلدى.

بۇ نىزامنامە، بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن گاز تەمىنلەشنى كۆپ خىللاشتۇرۇش يوللىرى ۋە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان قىيىنچىلىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان مىللىي كۆپ خىللاشتۇرۇش پىلانلىرىنى سۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت — بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بارلىق رۇسىيە گازى ئىمپورتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر.

باياناتتا يەنە: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلىشىم كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىدۇ؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نىزامنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە كومىسسىيەنى رۇسىيە گازى بىلەن تەمىنلەش توختاملىرى ياكى دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىي چەكلىمىلەر توغرىسىدا خەۋەردار قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ» دېيىلدى.

كېڭەش ۋە پارلامېنت، بىر ياكى بىر قانچە ئەزا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا تەھدىت سالىدىغان تۇيۇقسىز ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، نىزامنامىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدىغان «توختىتىپ قويۇش ماددىسى» نى ساقلاپ قالدى.

كومىسسىيەنىڭ ئىمپورت چەكلىمىسىنى قاچان بىكار قىلالايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرمۇ چىڭىتىلدى؛ چەكلىمىنى بىكار قىلىش پەقەتلا مۇتلەق زۆرۈر بولغان ئەھۋاللاردا، يەنى بىر ئەزا دۆلەت جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئەھۋاللاردا، قىسقا ۋاقىتلىق ۋە پەقەت قىسقا مۇددەتلىك تەمىنلەش توختاملىرى ئۈچۈنلا كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە بەلگىلەندى.

ۋاقىتلىق كېلىشىم رەسمىي قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن كېڭەش ۋە پارلامېنتنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.

بۇ چەكلىمە، موسكۋانىڭ گاز تەمىناتىنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشىدىن كېيىن، رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە بولغان بېقىنىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «REPowerEU» ناملىق پىلانىنىڭ يادرولۇق بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

دانىيە كىلىمات مىنىستىرى لارس ئاگاراد بۇنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە گازىغا بولغان بېقىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يۆنىلىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ باھالىدى.

مىنىستىر: «بۇ، بىخەتەرلىكىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىمىزنى كاپالەتلەندۈرۈشكە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى 17-ئىيۇندىن بۇرۇن ئىمزالانغان قىسقا مۇددەتلىك توختاملار ئۈچۈن LNG چەكلىمىلىرى 2026-يىلى 25-ئاپرېلدىن، تۇرۇبا لىنىيەسى چەكلىمىلىرى بولسا 2026-يىلى 17-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ئۇزۇن مۇددەتلىك LNG توختاملىرى 2027-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ چەكلىنىدىكەن؛ تۇرۇبا لىنىيەسى كېلىشىملىرى بولسا 2027-يىلى 30-سېنتەبىردىن ياكى ئەڭ كېچىككەندە 2027-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ چەكلىنىدىكەن.

مەۋجۇت كېلىشىملەرگە پەقەتلا تار دائىرىلىك مەشغۇلات ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن؛ شۇ ئارقىلىق چەكلىمىنىڭ رۇسىيەدىن كېلىدىغان گاز مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن.

ئىمپورتلارنى ئالدىن تەستىقلايدىغان بىر سىستېما نازارەت قىلىدىكەن؛ ياۋروپا كومىسسىيەسى تەرىپىدىن كۆزىتىلىدىغان شەكىلدە، چوڭ گاز ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ياكى رۇسىيە گازىنى چەكلىگەن دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىمتىيازلارنىڭ بېرىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئىسىرائىلىيە يېڭى يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتتى
ئەنقەرەدە «خەلقئارا قەدىمكى تۈرك تىلى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى
خىتاي «چەت ئەل كۈچلىرى»نىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
پاپا بېيرۇتتىكى مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا بىرلىك چاقىرىقى قىلدى
مىسىر ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى 2026-يىللىق يول خەرىتىسى
سۇماترا ئارىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 500 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، يۈزلىگەن كىشى يوقاپ كەتتى
ترامپ مادۇرو بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان پەيتتە تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى
ترامپ ئامېرىكادىكى پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ «ئۇزۇن بىر مەزگىل» توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر: ئەنگلىيە ئافغانىستاندا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى
ترامپ ھوندۇراسنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىنىڭ بايدىن دەۋرىدە «تۇزاق» قا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ب د ت: «غەززەدە 5 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 9300 بالا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىقتا»