سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» پېنتاگوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى
سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» تەقىب قىلىش ۋە ئاپتوماتىك قوراللارغا بولغان ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن، سۈنئىي ئەقىل مودېلىدىكى بىخەتەرلىك توسۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلاشنى رەت قىلماقتا.
سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» پېنتاگوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى
سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» پېنتاگوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى / Reuters
2026-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى

سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىدىكى قوغداش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇش تەلىپىگە، كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش ۋە ئاپتوماتىك قوراللار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سۈنئىي ئەقىل شىركىتى «Anthropic» نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دارىيو ئامودېي شىركەتنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى «Claude» نىڭ «كەڭ كۆلەملىك ئىچكى تەقىب» ياكى «تولۇق ئاپتوماتىك قوراللار» ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامودېي تەرەققىي تاپقان سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ نازارىتىسىز بۇ خىل قوراللارنى مەشغۇلات قىلالايدىغان دەرىجىدە ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ۋە بۈگۈنكى شارائىتتا تېخى مەۋجۇت بولمىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامودېي يەنە سۈنئىي ئەقىلنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوللىيالايدىغانلىقىنى، ئەمما كەڭ دائىرىلىك، سۈنئىي ئەقىل قوللىغان تەقىبلەرنىڭ پۇقراۋى ئەركىنلىككە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

«Anthropic» بىلەن پېنتاگون ھەپتىلەردىن بۇيان سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە

ترامپ ھاكىمىيىتى «Anthropic» شىركىتىنى، ھۆكۈمەتكە شىركەتلەرنى دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى بېرىدىغان «دۆلەت مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» نى (Defense Production Act) يولغا قويۇش بىلەن تەھدىت سالدى ۋە ئۇنى «تەمىنلەش زەنجىرى خەۋپى» دەپ ئاتاشنى ئويلاشتى. بۇنداق تۈرگە ئايرىش دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن توختام تۈزگەن شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەيدۇ.

«Axios»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېنتاگون بۇ تىزىملىككە قاراپ قەدەم تاشلاشقا باشلىغان بولۇپ، «Boeing» بىلەن «Lockheed Martin» شىركەتلىرىدىن «Claude» مودېلىغا بولغان بېقىنىشلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پېنتاگون باياناتچىسى شان پارنېل بولسا، مىنىستىرلىقنىڭ قانۇنسىز تەقىب قىلىش ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىلىشىشى بولمىغان تولۇق ئاپتوماتىك قوراللار ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل ئىشلىتىش نىيىتى بارلىقىنى رەت قىلدى.

 پارنېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پېنتاگوننىڭ «Anthropic» مودېلىنى «بارلىق قانۇنىي مەقسەتلەر» ئۈچۈن ئىشلىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ مەشغۇلات قارارلىرىنى بەلگىلىشىگە يول قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى: خىتاي ئىراننى ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ۋە ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرىگە بىرلىشىشنىڭ «تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ
«ئارتېمىس» ئەترىتى ئاي ئەتراپىدىكى پەرۋازىدىن كېيىن تىنچ ئوكيانغا قونىدۇ
پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى لىۋاندا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيەنى «راك» دەپ ئاتىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
ئىران تاراتقۇلىرى: خارازى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دا ھاياتىدىن ئايرىلدى
بېلگىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئىران: رامكا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى دەپسەندە قىلىندى
پاكىستان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى «تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىدى
گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى