سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «USS Ford» ناملىق ئاۋىياماتكا  ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى
پەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكانىڭ 20 يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانى قونغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى «Gerald R. Ford» ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «USS Ford» ناملىق ئاۋىياماتكا  ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «USS Ford» ناملىق ئاۋىياماتكا  ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى / AP

ئىسرائىلىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان «12-قانال» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «USS Gerald R. Ford»  ناملىق ئاۋىياماتكا جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان.

ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكانىڭ 20 يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانى قونغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى «Gerald R. Ford» ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان.

ئىسرائىلىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئىلگىرى تېل ئاۋىۋغا يېقىن بولغان بېن گۇرىئون ئايرودۇرۇمىغا ئامېرىكانىڭ تۆت دانە «KC-46A Pegasus» تىپلىق يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىرانغا قارشى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئىلگىرىلەش ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق
كونگودا ئېبولا يۇقۇمى سەۋەبىدىن 6 ئاي ئىچىدە 5 مىڭ كىشى قازا قىلدى
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى