ئەردوغان G20 باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقاغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يوھاننېسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان20 دۆلەت گۇرۇھى — G20 باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىقتىساد ۋە سىياسەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان سۆھبەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

By
تۈركىيە پرېزىدېنتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەر قايسى يىغىنلىرىدا نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى G20 رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىغا قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىسكە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران ۋە باشقا ئەمەلدارلار ھەمراھ بولماقتا.

جۇمھۇر رەئىسنىڭ «ھەمكارلىق، باراۋەرلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق» تېمىسىدا ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە سۆز قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.