تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان تارىخىي چېگرا كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئۇدا 20 يىل داۋاملاشقان تىنچلىق سۆھبىتىىدىن كېيىن بىشكەك بىلەن دۇشەنبە چېگرا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلدى.
00:00
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان تارىخىي چېگرا كېلىشىمى  ئىمزالىدى
قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان تارىخىي چېگرا كېلىشىمى ئىمزالىدى / AFP

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان بىشكەكتە پەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا لىنىيەلىرى توغرىسىدا بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككى رەھبەر يېقىنقى يىللاردا توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تالاش – تارتىشنى ھەل قىلدى.

2002  - يىلدىن بۇيان  تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھۆججەت، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخماننىڭ بىشكەكتىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا قىرغىزىستان دۆلەت سارىيىدا ئىمزالاندى.

ئىككى پىرېزىدېنت يەنە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىشقا كېلىشكەنلىكى توغرىسىدا ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى.

تەخمىنەن 1000 كىلومېتر (621 مىل) ئۇزۇنلۇقتىكى قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسى 2021 - ۋە 2022 – يىللىرى قايتا - قايتا ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۇقتىسى بولدى.

2021  - يىلى ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلار 36 قىرغىزىستان پۇقراسى ۋە 19 تاجىكىستان پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2022 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۇدا 2 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلار كەم دېگەندە 100 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە تەخمىنەن 140 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز