ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە تېھراننىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىشىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى
تېل ئاۋىۋدىكى بېن گۇرىيون ئايرودۇرۇمى ئىككىنچى ئۇقتۇرۇش قىلىنغانغا قەدەر تاقالدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى. / Reuters
2025-يىلى6-ئاينىڭ13-كۈنى

 ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھاۋا قاتنىشى ساھەسى تاقالدى.

Flightradar24 نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇچۇشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۆنىلىشلىرىنى ئۆزگەرتكەن، ھەمدە ئىسرائىلىيە، ئىران، ئىراق ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا قاتنىشى ساھەلىرىدىن چەكىنگەن.

دۇنيادىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان توقۇنۇش رايونلىرى ئاۋىياتسىيە تىجارىتى ۋە پايدا ئېلىشتا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر يۈك ھەم مۇھىم بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلانماقتا.

ئاۋىياتسىيە جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش  مەسلىھەت شىركىتى Osprey Flight Solutions نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2001-يىلدىن بۇيان ئالتە سودا ئايروپىلانى ئېھتىياتسىزلىقتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ئۈچى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالغان.

ئىسرائىلىيە جۈمە كۈنى تېھراننىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ باسقۇچلۇق ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغۇچى سۈپىتىدە، ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرى،  باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

تېل ئاۋىۋدىكى بېن گۇرىيون ئايرودۇرۇمى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇقۇرۇش چىقىرىلغانغا قەدەر تاقالدى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىغا قارشى يۇقىرى سەۋىيەدە تەييار ھالەتتە تۇرغۇزۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەتلىك ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەل ئال ئاۋىياتسىيە شىركىتى (El Al Airlines) ئىسرائىلىيەگە ۋە ئىسرائىلىيەدىن باشقا رايونلارغا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچۇشلارنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇچقۇچىلارغا يوللانغان ئۇقتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا، ئىران ھاۋا قاتنىشى ساھەسىمۇ ئىككىنچى قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانغا قەدەر تاقالغان.

ئىراندا ھۇجۇم خەۋەرلىرى كەلگەندە، مەزكىرى دۇبەيگە جايلاشقان Emirates ، Lufthansa  ۋە Air India  قاتارلىق بەزى ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭ سودا ئايروپىلانلىرى ئىران ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇۋاتاتتى.

ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا ئۇچۇشلىرى ئۈچۈن ئىران ئۈستىدىن ئۇچقان Air India شىركىتى نيۇ يورك، ۋانكۇۋېر، چىكاگو ۋە لوندوندىن قوزغالغان بەزى ئايروپىلانلارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ياكى كېلىش نۇقتىسىغا قايتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  Emirates ۋە  Lufthansa  ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى تەرىپىدىن بولسا بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel attacks Iran's 'nuclear and military sites', kills army chief and IRGC head

 «ئۆزگىرىشلەر داۋاملاشماقتا»

 

ئىراقنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا بوشلۇقىنى تاقىغانلىقى ۋە بارلىق ئايرودۇرۇملاردىكى ھاۋا قاتنىشىنى توختاتقانلىقى ئىراق دۆلەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.

 دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات ھاۋا يوللىرىدىن بىرى ئىران چېگراسىغا يېقىن بولغان ئىراقنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىن يەنە نۇرغۇن ئايروپىلانلار ياۋروپا بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدۇ، شۇنداقلا كۆپىنچە ئاسىيادىن ياۋروپاغا ئونلارچە ئايروپىلان  ئۇچىدۇ.

ئۇچۇشلارنى كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇچۇشلار كۆپىنچە ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا ئىكەن.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىيوردانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغىشىدىن بىرقانچە سائەت كېيىن ھاۋا قاتنىشى ساھەسىنى تاقىدى.

ئۇچۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋپ-خەتەر ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان OPSGROUP تەشكىلاتىنىڭ Safe Airspace تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئۆزگىرىشلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندا تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېھتىياتچان بولۇشى شەرت» ئىكەن.

جۈمە كۈنى ئەتىگەندە دۇبەيگە قونۇشى پىلانلانغان بىر قىسىم ئايروپىلانلار يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. Emirates  ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مانچېستېردىن دۇبەيگە قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلانىنىڭ يۆنىلىشى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىلدى. Flydubai شىركىتىنىڭ بېلگرادتىن قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلانى بولسا ئېرمېنىيەنىڭ ئېرېۋان شەھرىگە ئەۋەتىلدى.

ئىقتىسادىي ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولغان Flydubai ئاممان، بېيرۇت، دەمەشق، ئىران ۋە ئىسرائىلىيە ئۇچۇشلىرىنى توختاتقانلىقىنى؛ يەنە نۇرغۇن ئۇچۇشلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، يۆنىلىشلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى ياكى كەلگەن جايىغا قايتۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

Flightradar24 نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، قاتار ھاۋا يوللىرى شىركىتى جۈمە كۈنى دەمەشقكە پىلانلانغان ئىككى ئۇچۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى سەۋەبىدىن، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان سودا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ھاۋا يوللىرىدا قىسقا مۇددەتلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ بەزىلىرى ئۇچقۇچىلار ۋە يولۇچىلار كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە يېقىن ئىدى.

ياۋروپا ھاۋا قاتنىشىنى كونترول قىلىش تەشكىلاتى (Eurocontrol) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۆتكەن يىلى ياۋروپاغا ۋە ياۋروپادىن ئۇچىدىغان كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1400 ئايروپىلان سەپەرى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئۆتكەن يىلى قازاقىستان ۋە سۇداندا ئايروپىلانلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. بۇ ۋەقەلەر 2014-يىلى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن مالايشىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «MH17» تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋە 2020-يىلى تېھراندىن ئۇچقان ئۇكرائىنا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ «PS752» تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتارلىق ئايروپىلانلارنىڭ  ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى زور ۋەقەلەردىن كېيىن يۈز بەردى.

/

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى