سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھورمۇز بوغۇزىغا قارىتىلغان «قانۇنسىز» ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى رەت قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشى چەكلىمىلىرىنى رەت قىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشنى چەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئىراننى سودا پاراخوتلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھورمۇز بوغۇزى ئۈستىدىن ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈش ياكى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق دۆلەتنىڭ «قانۇنسىز» تەلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا بۇ ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدىن ئۆتىدىغان خەلقئارالىق پاراخوتلارغا رۇخسەتنامە بېرىش ياكى ھەق ئېلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن «رايون خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى»دىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا: «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەر قانداق ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ياكى ئەسلەتمە كېلىشىملىرى، خەلقئارالىق بوغۇزدىن ئۆتۈش ھوقۇقىنى قانۇنسىز رەت قىلالمايدۇ ياكى چەكلىيەلمەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

باياناتتا، خەلقئارالىق بوغۇزلاردىن ئۆتۈش ھوقۇقىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، ھەمدە «ھېچقانداق دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىغا ياكى رۇخسىتىگە بېقىنىپ قالمايدىغانلىقى» تەكىتلەندى.

مەزكۇر مۇنبەرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاس (Kaja Kallas) ۋە بەھرەين تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئابدۇللاتىف بىن راشىد ئەل زايانى بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاراخوت قاتنىشى ئەركىنلىكىنىڭ، «ب د ت دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى» دە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن خەلقئارا قانۇنلار بويىچە كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

باياناتتا: «بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ، ھېچقانداق دۆلەت ئۇلارنى توختىتىپ قويالمايدۇ، توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ ياكى ئۇلارغا ھەر قانداق شەرت قويالمايدۇ» دېيىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran rains missiles on 'US military bases' in six Arab countries

دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تاجاۋۇزچىلىق

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يەنە ئىراننىڭ بوغۇزدىن ئۆتىدىغان سودا پاراخوتلىرىغا ۋە رايوندىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى «ئەڭ قاتتىق شەكىلدە» ئەيىبلىدى.

ئىككى تەرەپ: «بۇ ھۇجۇملار پۇقرالار ۋە دېڭىزچىلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىردى، خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2817-نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپلىق قىلدى، بۇنىڭغا ھېچقانداق باھانە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ» دېدى.

ئىككى تەرەپ باياناتتا، ئىراننى «دەرھال ۋە شەرتسىز ھالدا بارلىق ھۇجۇملارنى ھەمدە دېڭىز قاتنىشىغا ئارىلىشىۋېلىشنى توختىتىش» قا، شۇنداقلا ھورمۇز بوغۇزىنى ھېچقانداق شەرتسىز، ھەقسىز ياكى مۇلازىمەت ھەققىسىز ئوچۇق تۇتۇشقا چاقىردى.

باياناتتا: «بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇم، مەزكۇر مۇھىم دېڭىز يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تايىنىدىغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئەندىشەسىدۇر» دېيىلدى.

ئىككى تەرەپ باياناتتا «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش» قا چاقىرىق قىلىپ، بوغۇزدىكى كېمە قاتنىشى ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيەگە سادىق قالىدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا