تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەلچى ئەھمەت يىلدىز تەييارلىنىۋاتقان مېخانىزمنىڭ قارادېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەر قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە قارادېڭىز ئېكسپورتىغا تايىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يېمەكلىك تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش ئەلچى ئەھمەت يىلدىز دۈشەنبە كۈنى «ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش» تېمىسىدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا مۇنداق دېدى:
«ھازىر قارادېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمدە يېمەكلىك بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي ئېقىشىنى نىشان قىلغان ئۈنۈملۈك بىر مېخانىزم ئورنىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.
قارادېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىدىكى تەجرىبىمىزگە ئاساسەن، مۇنداق بىر مېخانىزمنىڭ ھەممەيلەننىڭ، بولۇپمۇ بۇ مەھسۇلاتلارغا ئەڭ كۆپ تايىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»
ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمى
قارادېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى كېلىشىمى 2022-يىلى 22-ئىيۇلدا ئىستانبۇلدا رۇسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى.
كېلىشىم ئۇكرائىنانىڭ بېكىتىلگەن پورتلىرىدىن بىخەتەر بىر ئىنسانپەرۋەرلىك دېڭىز كارىدورى ئېچىپ، ئۇرۇش سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئاشلىق، يېمەكلىك ۋە ئوغۇت ئېكسپورتىنى قايتا باشلىغان ئىدى.
بۇ تەشەببۇسنىڭ ئۇرۇش بېسىمىنىڭ قارادېڭىزغا يېيىلىشىنى توسۇشقا قارىتىلغان مۇقىم مېخانىزم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىز، تۈركىيەنىڭ قارادېڭىزدا مەڭگۈلۈك مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن گېئوسىياسىي ئورنى، ئوچۇق ئالاقە يوللىرى ۋە دىپلوماتىك مۇرەسسەچىلىك تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىلدىز تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىن بۇيان قارادېڭىزدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن «ھارماي-تالماي» تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قوراللىق توقۇنۇش مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ دېڭىز بوغۇزلىرىنى ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا تاقاش ھوقۇقى بېرىدىغان مونترو ئەھدىنامىسىنىڭ 19-ماددىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
يىلدىز تۈركىيەنىڭ ئەھدىنامىنى ئەينەن ۋە بىتەرەپ شەكىلدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ قارادېڭىزدا ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىز، قىرغاق بويى دۆلەتلىرى رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيە بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان قارادېڭىز مىناغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپە گۇرۇپپىسىنى رايونلۇق ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىي نەتىجە بەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسەتتى.
تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان قەتئىي قوللىشىنى تەكرارلىغان يىلدىز، سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئۇكرائىنادا تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىردىنبىر كۈچكە ئىگە يول ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.














