سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
مەزكۇر ھۇجۇملاردا ئىرانشەھەر ئايرودۇرۇمى ۋە ھەمىدىيە شەھىرىدىن باشقا يەنە، بەندەر ئابباستىكى بىر كۆۋرۈك نىشان قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM)، ئىرانغا قاراتقان ئارقا-ئارقىدىن 6 كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇم دولقۇنىنىڭ تۈنۈگۈن كېچىدىكى ئاخىرقى باسقۇچىنى تاماملىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 21:40 تىكى (تۈركىيە ۋاقتى 04:40) ئىرانغا قاراتقان ئەڭ ئاخىرقى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم دولقۇنىنى ئاخىرلاشتۇردى» دېيىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ساھىل كۆزىتىش ۋە ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىرى، ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە دېڭىزچىلىق ئىقتىدارى قاتارلىق ھەربىي نىشانلىرىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ئارقا-ئارقىدىن قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالتىنچى كېچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ھازىرقى ئەھۋالدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى، تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى 21:00 دە ئىرانغا قاراتقان يېڭى بىر ھاۋا ھۇجۇمى دولقۇنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىران تاراتقۇلىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا يېڭى بىر ھۇجۇم دولقۇنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئىرانشەھەر ئايرودۇرۇمى ۋە ھەمىدىيە شەھىرىدىن باشقا يەنە بەندەر ئابباستىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»