ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ترامپتىن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ترامپتىن غەززە فىلوتىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكالىقلارنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ترامپتىن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ترامپتىن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى / Reuters

ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە فىلوتقا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە 21 نەپەر ئامېرىكالىقنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، رو خاننا ۋە نېنسى پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كالىفورنىيە پالاتا ئەزالىرى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى قولغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى رو خاننانىڭ رەھبەرلىكىدىكى سابىق ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نېنسى پېلوسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق كالىفورنىيەلىك دېموكرات، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

پالاتا ئەزالىرى دۈشەنبە كۈنى رۇبىيوغا ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا، 21 نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ھازىرمۇ ئىسرائىلىيەدە تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئىلغار خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى داۋىد ئادلېر، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن توممىي ماركۇس، گېرالدىن رامىرېز ۋە لوگان خوللارسىمىت قاتارلىقلارمۇ بار.

ئادلېر قاتارلىق كىشىلەر «غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان زوراۋانلىقسىز بىر پاراخوت ئەترىتى» دەپ تەسۋىرلەنگەن فىلوتتىن ئورۇن ئالغانىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ ھاماس بىلەن «ئىنتايىن ئىجابىي سۆھبەتلەر» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى

 «قولىڭىزدىن كەلگەن بارلىق ئىشنى قىلىڭ»

 

پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبىدا مۇنداق دېيىلگەن:

 «تۇتقۇن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ۋە ئادىل ھەم بىخەتەر مۇئامىلىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قولىڭىزدىن كەلگەن بارلىق ئىشنى دەرھال قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.»

پالاتا ئەزالىرى يەنە ھۆكۈمەتنى «تۇتقۇنلارنىڭ تېزدىن قۇتقۇزۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئەكىلىشگە دەرھال ئايروپىلان ئەۋەتىلىشى» نى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى ئالدىنقى ھەپتە چارشەنبە كۈنى خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە فىلوتنى قانۇنسىز ھالدا توختىتىپ قولغا چۈشۈرگەن ۋە 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 470 تىن ئارتۇق پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە يۈرگۈزۈۋاتقان تەخمىنەن 18 يىللىق قامالنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان فىلوت داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنى توشۇۋاتقان ئىدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، رايوننى ۋەيران قىلىپ، 2 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى ھەم ئاچچارچىلىققا دۇچار قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارتۈركىيەدە «سۇمۇد» فىلوتىنى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى - TRT ئۇيغۇرچە - TRT ئۇيغۇرچە

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ