تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئەدلىيە مىنىستىرى گۈرلەكنى قوبۇل قىلدى
سۆھبەتتە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئەدلىيە مىنىستىرى گۈرلەكنى قوبۇل قىلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئەدلىيە مىنىستىرى گۈرلەكنى قوبۇل قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت باكۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەكنى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ قوبۇل قىلغان.

مىنىستىر گۈرلەك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى ئەلىيېۋغا يەتكۈزگەن، ئەلىيېۋمۇ سالىمى ئۈچۈن ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقان.

گۈرلەك ئورتاق تارىخ، مەدەنىيەت ۋە قېرىنداشلىق رىشتىگە ئاساسلىنىدىغان تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي مۇناسىۋەت سايىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىم بىر تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان گۈرلەك، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، خەلقئارا سەھنىدىكى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئابرويىغا ۋە قاراباغدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي غەلىبىسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئەزەربەيجاننى قوللايدۇ»

گۈرلەك ئەزەربەيجاننىڭ رايوندىكى ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئالاقە تۈرلىرى بىلەن زەنگېزۇر كارىدورىغا ئوخشىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەزەربەيجان بىلەن ھەمنەپەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتتە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

تەرەپلەر ئىككى دۆلەت ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئىزدىنىڭ
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى