تۈركىيە ۋە باشقا 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى ئىبادەت چەكلىمىلىرىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ۋە باشقا 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ مۇقەددەس جايلارغا بېرىشنى چەكلەيدىغان تەدبىرلىرىنى رەت قىلماقتا.
تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەت، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا دىنىي ئىبادەتلەرگە قارىتا قويۇلغان چەكلىمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە، مىسىر، ئىيوردانىيە، ھىندونېزىيە، پاكىستان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى رەت قىلدى.
مىنىستىرلار بۇ چەكلىمىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىشىگە ئوخشىغان تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قۇددۇستىكى مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنىڭ ھوقۇقىي ۋە تارىخىي سالاھىيىتىنى «ئۆزگەرتىشكە» قارىتىلغان ئۇرۇنۇشلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
مىنىستىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قوشما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇننىڭ، ھەمدە ھازىرقى قانۇنىي ۋە تارىخىي ھالەتنىڭ شۇنداقلا، ئىبادەت جايلىرىغا توسالغۇسىز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر.»
مىنىستىرلار خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس قەبرە چېركاۋىغا ئەركىن بېرىشىنى توسۇش قاتارلىق «قانۇنسىز ۋە چەكلىمە خاراكتېرلىك» تەدبىرلەرنىمۇ رەت قىلدى.
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ قانۇنىي ئەھۋالى
مىنىستىرلار ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس ۋە مۇقەددەس جايلارنىڭ قانۇنىي ۋە تارىخىي سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىۋالغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا «ئىگىلىك ھوقۇقى يوقلۇقىنى» تىلغا ئالغان باياناتتا مىنىستىرلار، ئىبادەت جايلىرىغا بېرىشقا چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.
مىنىستىرلار يەنە، مەسجىدى ئەقسا دەرۋازىلىرىنىڭ ئىبادەت قىلماقچى بولغانلارغا مۇبارەك رامازان ئېيىدىمۇ ئۇدا 30 كۈن تاقاپ قويۇلۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
مەسجىدى ئەقسانىڭ 144 گېكتارلىق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭلا ئىبادەت ئورنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن مىنىستىرلارنىڭ، ئۇ يەرنىڭ بىردىنبىر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئىيوردانىيە فوندى جەمئىيەتلەر، مۇقەددەس جايلار ۋە ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق قۇددۇس فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسى ۋە مەسجىدى ئەقسا ئىشلىرى باشقارمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«مىنىستىرلار بېسىۋالغۇچى كۈچ ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقاپ قويۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرىدۇ.»
باياناتتا ئىسرائىلىيەدىن يەنە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر قىسمىدىكى كىرىش-چىقىش چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارغا توسالغۇ بولماسلىق تەلەپ قىلىندى.
مىنىستىرلار خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكلەرنى توختىتىش ئۈچۈن «تەۋرەنمەس پوزىتسىيە» تۇتۇشقا چاقىردى.