تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ»
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئېھتىياجى، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا بولغان ئېھتىياجىدىن كۆپتۇر، كەلگۈسىدە بۇ ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ» دېدى.
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ»
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ» / Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان، 9-ماي ياۋروپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىنى سالغان شۇمان خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان 9-ماي ياۋروپا بايرىمىنىڭ تىنچلىق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتكە ئاساسلانغان ئورتاق كەلگۈسى بەرپا قىلىش نىشانىنىڭ كونكرېت بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسلانغان قائىدىلەرنىڭ بۈگۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك كرىزىسلار بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىنى سالغان شۇمان خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان <9-ماي ياۋروپا بايرىمى> ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، قىتئەمىزدە تىنچلىق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتكە ئاساسلانغان ئورتاق كەلگۈسى بەرپا قىلىش نىشانىنىڭمۇ كونكرېت ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭدىن 76 يىل ئىلگىرى ئاساسى سېلىنغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسلانغان قائىدىلەر، كۆپ تەرەپلىمىلىك كرىزىسلار بىلەن ئېغىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە. يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى ھېس قىلىنىۋاتقان ئۇرۇشلار، سىياسىي كرىزىسلار ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قورساق ۋە بىرلەشتۈرگۈچى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىنى جىددىي تەقەززا قىلماقتا»

ياۋروپا ئىتتىپاقى نامزاتى بولغان تۈركىيە، بۇ مۇساپىنىڭ ئاساسلىق ۋە ۋاز كەچكۈسىز تەركىبىي قىسمى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى ئالمىغان تەقدىردە ياۋروپا قۇرۇلمىسىنىڭ چالا قالىدىغانلىقى، كرىزىسلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىدا ئاجىزلىق كۆرۈلىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئىلگىرىمۇ بايان قىلغىنىمىزدەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئېھتىياجى، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا بولغان ئېھتىياجىدىن كۆپتۇر، كەلگۈسىدە بۇ ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ.

«ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ۋە «ۋەدىگە ۋاپا قىلىش» تەكىتلەندى

تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش پرىنسىپى ئاساسىدا تولۇق ئەزالىق نىشانى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش چۈشەنچىسى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىمىز بار. بۇ سەمىمىي ئىرادىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىنمۇ كۆرسىتىلىشىنى كۈتىمىز. بۇ قاراشلار بىلەن <9-ماي ياۋروپا بايرىمى> نىڭ ئورتاق جۇغراپىيەمىزدە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ھەمكارلىققا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمەن، پۇقرالىرىمىز ۋە بارلىق ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ياۋروپا بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى