ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ

ترامپ ھۆكۈمىتى ئىران ئۇرۇشى جەريانىدا ھەمكارلاشمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشنى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك قوللاش بىلەن تەمىنلىگەن دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا مەۋجۇتلۇقىنى بولسا تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

By
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ / Reuters

ABC News قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىران ئۇرۇشى جەريانىدا ياردەم قىلمىدى دەپ قارالغان ناتوغا ئەزا بىرنەچچە ئىتتىپاقدىشىدىن ئامېرىكا قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېتىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن بولغان يېقىنقى توقۇنۇشلار جەريانىدا ھەربىي  ھەرىكەتلەرنى قوللاشتا تېز ھەرىكەت قىلمىغان ياكى خالىمىغان ناتوغا ئەزا بىرنەچچە دۆلەتتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئازايتىش ياكى ئورنىنى يۆتكەش پىلانىنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان.

مەزكۇر ئەمەلدار بۇ پىلاننىڭ ئامېرىكا كۈچلىرىنى ئۇرۇش جەريانىدا ئاز قوللىغان دۆلەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن دۆلەتلەرگە يۆتكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مۇنازىرىلەرنىڭ قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكى ياكى پىلان يولغا قويۇلسا قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بۇ پىلان ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇش جەريانىدا ياۋروپادىكى ئورتاق ھەربىي بازىلارنى ئىشلىتىشكە قويۇلغان چەكلىمىلەر توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى ھەربىي بازىلارغا ئىستراتېگىيەلىك كىرىش چەكلىك بولىدىغان بولسا، بۇ دۆلەتلەرگە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېمۇ ئىتتىپاقداشلارنىڭ قوللىشى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، بىرنەچچە ئەزا دۆلەتنىڭ دەسلەپتە، قىسمەن ئۇرۇشنىڭ كۈتۈلمىگەن تەسىرى سەۋەبىدىن ئاستا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما، ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇتتې يەنە ناتونىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پەقەت ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ناتونىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ياۋروپالىقلارنىلا ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ قوغداشتۇر.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ناتونىڭ ئىران ئۇرۇشىغا بەرگەن ئىنكاسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىدى. ترامپ چارشەنبە كۈنى ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ناتو ئېھتىياجىمىز چۈشكەن چاغدا يوقاپ كەتكەن ئىدى، قايتا ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە يەنە يوقاپ كېتىدۇ.»

ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپنىڭ ناتونىڭ بۇ ئۇرۇش جەريانىدا «سىناققا دۇچ كېلىپ مەغلۇپ بولغانلىقىغا» ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى:

«ناتونىڭ ئۆتكەن ئالتە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا خەلقىدىن يۈز ئۆرۈشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسىگە مەبلەغ سالغانلار ئامېرىكا خەلقى ئىدى.»