سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونىدا رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى بايقالدى
ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقىنىڭ سىرتىغا سوزۇلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقى دەپ قارالمايدۇ.
جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونىدا رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى بايقالدى
جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونىدا رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى بايقالدى / AP
 

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىمالىي كورېيەگە تەۋە ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان بىر ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي كورېيە ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى تۈزىتىپ، بىرنەچچە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونىغا كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى ئارمىيەنى مەنبە كۆرسىتىپ: «شەرقىي دېڭىز ئۈستىدىكى جەنۇبىي كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونى (KADIZ) غا شىمالىي كورېيە ئايروپىلانلىرى ئەمەس، بەلكى بىرنەچچە رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى كىردى» دەپ خەۋەر قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى جەنۇبىي كورېيە ئىچكى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى شەرقىي قىرغاق لىنىيەسىگە جايلاشقان ئۇللېئۇڭ ناھىيەسى مىقياسىدا جىددىي ئەھۋال ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنى يەر ئاستى پاناھ جايلىرىغا كىرىپ پاناھلىنىشقا چاقىرغان ئىدى.

دەسلەپكى رەسمىي باياناتلاردا زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار ئورۇن ئالدى؛ بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئالدى بىلەن شىمالىي كورېيە ئايروپىلانىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، كېيىنچە رۇسىيە ئايروپىلانى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىلغان بىر ئايروپىلاننىڭ بېكىتىلگەن بىر «خەتەرلىك رايون» غا كىرىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

 ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا قىلىنغان دەخلى-تەرۇز ھەققىدىكى بايانات

 ئارمىيە مەزكۇر ھاۋا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقىغا ئەمەس، بەلكى كورېيە ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونى (KADIZ) غا كىرىپ، ئارقىدىن بۇ رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاۋا مۇداپىئە ئېنىقلاش رايونى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقىنىڭ سىرتىغا سوزۇلىدىغان، قوراللىق كۈچلەرگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان چەت ئەل ھاۋا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بايقاش ئۈچۈن ۋاقىت تېجەپ بېرىدىغان بىر رايون بولۇپ، خەلقئارا قانۇندا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقى دەپ بېكىتىلمىگەن.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى كېيىنچە رۇسىيە ھاۋا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسكۋا ياكى پيوڭياڭ تەرەپتىن مەزكۇر خەۋەرلەرگە قارىتا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
ئورۇچ رەئىس سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتى پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز