تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان بىلەن ئومان سۇلتانى ئىككى دۆلەت ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئومان سۇلتانى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، تۈركىيە بىلەن ئوماننىڭ بولۇپمۇ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەردوغان بىلەن ئومان سۇلتانى ئىككى دۆلەت ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئەردوغان بىلەن ئومان سۇلتانى ئىككى دۆلەت ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى / Anadolu Agency

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئوماننىڭ پايتەختى مەسقەتتە سۇلتان ھەيسەم بىن تارىق بىلەن كۆرۈشۈپ، سانائەت، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ساھەلىرىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

رەھبەرلەر پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى قايتا تەكىتلەش بىلەن بىرگە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ سۆزلەشتى. بۇ زىيارەت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۇۋەيت ۋە قاتارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەت زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولدى.

تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرى پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتنىڭ مەسقەتتىكى ئەلئەلەم ئوردىسىدا يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنۇلار قەيت قىلىندى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، تۈركىيە بىلەن ئوماننىڭ چوڭقۇر تارىخىي ۋە قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇ زىيارەت بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى».

«جۇمھۇر رەئىسىمىز ئومان بىلەن سانائەتتىن تارتىپ ئىقتىسادقىچە، دۆلەت مۇداپىئەسىدىن تارتىپ ئۇچۇر-ئالاقىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

باياناتتا يەنە: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن ئوماننىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن مەسىلىدە مەيدانىنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى، ئوماننىڭ ئۆز رايونىدىكى ۋاسىتىچىلىك ۋە دىيالوگنى ئاساس قىلغان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىمىزنى، غەززەدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جەمئىي 16 يېڭى ھۆججەتنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى