تۈركىيە
2 min read
ئەردوغان قان تۆكۈش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈش، ۋەيرانچىلىق سېلىش، يوق قىلىش، پۇقرالار قىرغىنچىلىقى قىلىش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىمەن دېگۈچىلەر ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
00:00
ئەردوغان قان تۆكۈش ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكىلى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
ئەردوغان مىكاتى / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

لىۋاننىڭ خۇددى پەلەستىنگە ئوخشاشلا ئۆتكەن يىلنى ئىسرائىلىيە تەھدىتى ۋە تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، بۇ جەرياندا 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 مىڭدىن ئارتۇق لىۋانلىقنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قەتل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكىگە رايوننىڭ مۇقىملىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، رايونىمىز خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ. داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر ھەقىقەتنى بۈگۈن يەنە تەكىتلەيمەن. تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈش، ۋەيرانچىلىق سېلىش، يوق قىلىش، پۇقرالار قىرغىنچىلىقى قىلىش ئارقىلىق بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىمەن دېگۈچىلەر ئېغىر خاتالىق سادىر قىلماقتا. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە بۇ رېئاللىقنى چۈشەنمىگەنلىكىگە، توغرىراقى چۈشىنىشنى خالىمايۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قولىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن لىۋاننىڭ يېنىدا تۇردى، ئىنسانىي ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇردى» دېدى.

ئەردوغان: تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈش، ۋەيرانچىلىق سېلىش، يوق قىلىش، پۇقرالار قىرغىنچىلىقى قىلىش ئارقىلىق بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىمەن دېگۈچىلەر ئېغىر خاتالىق سادىر قىلماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىشى ۋە لىۋاندا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلەپ بېرىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېھمان باش مىنىستىر نەجىب مىقاتى تارىخ بويىچە دۆلىتى دۇچ كەلگەن ھەر بىر قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ لىۋان ۋە لىۋان خەلقىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىقاتى: «بولۇپمۇ ئىنسانىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغان جەرياندا كۆرسەتكەن ياردەم، ھېسداشلىق ۋە قوللىشىڭلار بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز