سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندونېزىيە يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى
ياۋروپا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يىرىكچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندونېزىيە يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى.
ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندونېزىيە يېڭى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى ئىمزالىدى
پرابوۋو سۇبيانتو بىلەن ئانتونى ئالبانېسې سىدنېيدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2025-يىى 12-نويابىر. سۈرەت؛ رويتېرس. / Reuters

ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندونېزىيە يېڭى شەرتنامە رامكىسىدا رەھبەرلەر ۋە مىنىستىرلار دەرىجىسىدە، بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا دائىم مەسلىھەتلىشىدىغان بولدى.

ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندونېزىيە رەھبەرلىرى چارشەنبە (12-نويابىر) كۈنى سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن، تېخىمۇ يېقىن ھەربىي ھەمكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك توغرىسىدا يېڭى شەرتنامە ئىمزالاشقا قوشۇلدى.

ئاۋستىرالىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى گۈللىنىۋاتقان خىتاينىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇزۇندىن بۇيانقى ئىتتىپاقدىشى ۋاشىنگتونغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى،

جاكارتا تېخىمۇ بىتەرەپ يول تۇتتى، ۋاشىنگتونغا بەك يېقىنلىشىشتىن ئېھتىيات قىلدى ۋە بېيجىڭنى بىئارام قىلىشنى خالىمىدى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېسې (Anthony Albanese) ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پرابوۋو سۇبيانتو (Prabowo Subianto) بىلەن بىللە سىدنېيدىكى ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئورتاق بىخەتەرلىكىمىز توغرىسىدىكى يېڭى ئىككى تەرەپلىك شەرتنامە توغرىسىدىكى سۆھبەتنى قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى ئاخىرلاشتۇردۇق.»

ئۇ مۇخبىرلارغا: «بۇ شەرتنامە ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئاۋسترالىيە رەھبىرى يېڭى شەرتنامەنى ئىمزالاش ئۈچۈن كېلەر يىلى (2026) ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر شەرتنامە 2024-يىلى ئىمزالانغان ئىككى تەرەپلىك دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىم ئەسلەتمىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تالاش-تارتىش قوزغىغان جايلاردا تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋەدە بېرىلگەن. شەرتنامە يەنە ھەر ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۆزئارا يەنە بىر دۆلەتتە ھەرىكەت قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2024-يىلىدىكى كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مىڭلىغان ھىندونېزىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرى شەرقىي جاۋادا بىرلەشمە كەلگەن مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'Historic milestone': Indonesia, Australia sign defence pact

يېڭى خىرىسلار

ئالبانېسې ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ بۇ يېڭى شەرتنامە رامكىسىدا «رەھبەرلەر ۋە مىنىستىرلار دەرىجىسىدە دائىم بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە مەسلىھەتلىشىشكە ۋەدە بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ: «يېڭى شەرتنامە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ياكى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىسا، بۇ خەتەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يەككە ۋە ئورتاق ھالدا قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىدۇ، شۇنداقلا ۋە ئويلىشىدۇ» دېدى.

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پرابوۋو بۇ شەرتنامەنىڭ ئىككى دۆلەتنى «دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە يېقىن ھەمكارلىققا ئىلىھاملاندۇرىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۇ: «بىز قوشنىلىرىمىزنى تاللىيالمايمىز... بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش دۆلەتلەرنى تاللىيالمايمىز. ياخشى قوشنىلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ » دېدى.

ئاۋسترالىيە رايوننىڭ ۋەزىيىتى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ تەسىرىدە داۋالغۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ھىندونېزىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى نىشان قىلماقتا.

ئەڭ يېقىن نۇقتىلاردا بىر-بىرى بىلەن 300 كىلومېتىردىن (185 مىل) ئاز ئارىلىقتا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھىندونېزىيە بىلەن ئاۋسترالىيە، بۇ گېئو-سىياسىي داۋالغۇشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئوخشىمىغان يوللارنى تۇتتى.

ئاۋسترالىيە ئاۋغۇست (2025) تا، ھىندونېزىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشتى.

ئاۋستىرالىيە يەنە بېيجىڭنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىنچ ئوكياندىكى باشقا قوشنىلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشتى. سېنتەبىردە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى  بىلەن يېڭى مۇداپىئە شەرتنامەسى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامە ئارقىلىق ھەر ئىككى دۆلەت قوراللىق ھۇجۇملاردىن ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارشى «يېڭى خەتەرلەر» دىن بىر-بىرىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا، شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى
ئىران كۇۋەيتتكى ئامېرىكا ھەربىي ھاۋا بازىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
1.7 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ھاجى بولدى
مۇسۇلمانلار بېسىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇستا قۇربان ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسادا جەم بولدى
ئەردوغان: «غەززەدىكى قېرىنداشلىرىمغا ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئۇچۇرلىرىمنى يوللايمەن»
مىليونلارچە مۇسۇلمان، ھەج ئىبادىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر پەيتتە ئاراپاتتا جەم بولدى
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى