ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئىشتاتىدىكى ئەڭ يېڭى يۇقۇملىنىش دولقۇنى، تەتقىقاتچىلار سىجىل كۆرۈلمەيدىغان، ئەمما ئۆلۈم نىسبىتى يۇقىرى بولغان بىر ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش ئالامەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان بىر پەيتتە، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.
ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئىشتاتىدا يېقىنقى مەزگىللەردە كۆرۈلگەن نىپاھ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرى جەنۇبىي ۋە جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا مىقياسىدا قايتىدىن ئەندىشە پەيدا قىلدى. تايلاند، مالايشىيا ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەردىكى دائىرىلەر تەدبىر سۈپىتىدە ئايرودۇرۇملاردىكى تەكشۈرۈشلەرنى كۈچەيتتى.
ۋىرۇس سىجىل كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش يوشۇرۇن كۈچى تۈپەيلىدىن، يۇقۇمنىڭ كۆزىتىلىشى ساغلاملىق تارماقلىرى ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلار ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، ۋەھىمىگە مۇپتىلا بولماستىن، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
خوش، نىپاھ ۋىرۇسى قانداق ۋىرۇس ۋە كىشىلەر بۇنىڭدىن قانچىلىك ئەندىشە قىلىشى كېرەك؟
نىپاھ ۋىرۇسى قانداق ۋىرۇس؟
نىپاھ ئاساسلىقى مېۋە شەپەرەڭلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقۇملانغان ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە يۇقىدىغان سىجىل كۆرۈلمەيدىغان ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشتۇر. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئادەتتە ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، يەرلىك ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا قاراپ ئۆلۈم نىسبىتى %40 تىن %75 كىچە بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ۋە ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (ECDC) نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋىرۇس ئادەمدىن ئادەمگىمۇ يۇقىدۇ، ئەمما بۇ ئاسان يۈز بەرمەيدۇ، شۇڭا يۇقۇم دائىرىسى ئادەتتە تار ۋە چەكلىك بولىدۇ. نۆۋەتتە يېڭى ۋاكسىنىلار تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، تېخى تەستىقلانغان بىرەر ۋاكسىنا يوق.
بۇ يۇقۇم قانچىلىك كۆپ كۆرۈلىدۇ؟
نىپاھ تۇنجى قېتىم 1999-يىلى مالايشىيادا بايقالغان. شۇندىن بىرى، ئاساسلىقى باڭلادىشتا بولۇپ، سىجىل تۈردە ھەر يىلى دېگۈدەك كىچىك كۆلەملىك يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرى كۆرۈلۈپ كەلدى. ھىندىستاندىمۇ پات-پات يۇقۇم ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
يۇقۇم تەھدىتلىرىنى كۆزىتىدىغان ۋە ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان «يۇقۇم تەييارلىقى يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى» (CEPI) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دېكابىر ئېيىغىچە جەمئىي 750 يۇقۇملىنىش ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 415 بىمار ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئالامەتلىرى نېمە؟
نىپاھنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قىزىش، باش ئاغرىش ۋە مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىق ئېنىق بولمىغان سىمپتوملار بولۇپ، باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈر مېڭە ياللۇغىنى كۆرسىتىدىغان نېرۋا سىستېمىسى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى ۋە بەزى كىشىلەردە ئېغىر دەرىجىدىكى نەپەس يولى مەسىلىلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئالامەتلەر ئادەتتە ۋىرۇس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بىر نەچچە كۈندىن ئىككى ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئاشكارىلىنىدۇ، ئەمما بەزى ۋەقەلەردە يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان. سەھىيە خادىملىرى نېرۋا سىستېمىسى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە كېسەللىك ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە يامانلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، بالدۇر دىياگنوز قويۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
بالىلار، ياشانغانلار ۋە باشقا كېسەللىك ئاساسى بارلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىش خەۋپى يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ. ئېغىر ۋەقەلەردە تۇتقاق تۇتۇش ۋە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ھالىتىگە چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ساقايغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تامامەن ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەمما بەزىلىرىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك نېرۋا سىستېمىسى مەسىلىلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن قانچىلىك ئەندىشە قىلىشىمىز كېرەك؟
تەتقىقاتچىلار نىپاھنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما تېخى ئادەملەر ئارىسىدا يۇقۇش سۈرئىتىنىڭ ئاشقانلىقى ياكى دۇنيا مىقياسىدا ئاسان يامرايدىغانلىقىغا دائىر ئالامەتلەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.
قوشنا دۆلەت پاكىستاندا ھازىرغىچە دەلىللەنگەن نىپاھ يۇقۇمى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ھىندىستاندىكى تەرەققىياتلارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە كۆزىتىش ۋە چېگرا تەكشۈرۈشلىرىنى چىڭىتتى.
جەنۇبىي ۋە جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ساغلاملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. تايلاند، مالايشىيا، سىنگاپور، خوڭكوڭ، ھىندونېزىيە ۋە ۋىيېتنامدىكى ئايرودۇرۇملار يۇقۇم كۆرۈلگەن رايونلاردىن كەلگەن يولۇچىلار ئۈچۈن كوۋىد (COVID) مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قايتىدىن يولغا قويدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، نېپالمۇ تېخى يەرلىك ۋەقە بايقالمىغان بولسىمۇ، كاتماندۇدىكى ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزلىرىدا كەلگەن يولۇچىلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىپاھ يەنىلا مۇھىم بىر ئاممىۋى ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ قالماقتا. تەتقىقاتچىلار يەنە، ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئايرودۇرۇم تەكشۈرۈشلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يامراپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
ۋاكسىنا ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بارمۇ؟
نۆۋەتتە نىپاھ ئۈچۈن تەستىقلانغان بىرەر ۋاكسىنا ياكى داۋالاش ئۇسۇلى يوق، ئەمما ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن سىناق باسقۇچىدىكى ۋاكسىنىلار ئۈستىدە ئىشلىمەكتە. بۇ گۇرۇپپا تەرەققىي قىلدۇرغان نىپاھ ۋاكسىنىسى كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى بىلەن ئوخشاش تېخنىكىنى قوللانغان بولۇپ، دېكابىر ئېيىدا باڭلادىشتا ئىككىنچى باسقۇچلۇق (Phase II) كىلىنىكىلىق سىناقنى باشلىدى.








