غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادىكى پىرې پورتىدا ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتىغا قارىشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
 گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

پورت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى، تۈرلۈك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە پەلەستىننى قوللايدىغان باشقا تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن پىرې پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان «Crown Iris» ناملىق ساياھەت پاراخوتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ گىرېتسىيەدە دەم ئېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

پەلەستىن بايراقلىرى كۆتۈرۈلگەن نامايىشتا «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» دەپ شۇئارلار توۋلاندى ۋە ئۈستىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتىگە قارشىمىز!» دەپ يېزىلغان ۋىۋىسكىلار ئېچىلدى.

«Crown Iris» ساياھەت پاراخوتى 2025-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىمۇ گىرېتسىيە پورتلىرىغا توختىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر 11 - نويابىر چارشەنبە
مالايشىيادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دانىيە ئوكرائىناغا قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغان بولدى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق