كرېمىل: ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكا بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى.

By
رۇسىيە توقۇنۇشنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس. / Reuters

كرېمىل سارىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «پايدىلىق» سۆھبەتتىن كېيىن، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان.

يېقىنقى ئايلاردا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما موسكۋا بىلەن كىيېۋ تېررىتورىيە ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا يەنىلا پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى.

كرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستېۋ ۋىتكوف باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى پۇتىن بىلەن موسكۋادا جۈمە (2026-يىلى 23-يانۋار) كۈنى تاڭ ئاتقۇچە سۆھبەتلەشكەن.

كرېمىل سارىيىنىڭ دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوف مۇخبىرلارغا بۇ سۆھبەتنىڭ «ھەر جەھەتتىن پايدىلىق» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ۋىتكوف ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەتلەرنىڭ داۋامى ئۈچۈن ئابۇزەبىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى (GRU) نىڭ دىرېكتورى ئىگور كوستيۇكوف باشچىلىقىدىكى رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «بۈگۈن ئابۇزەبىدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئۈچ تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى» دېدى.

سۆھبەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرى ئېلان قىلىنمىدى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ-كۆرۈشمەيدىغانلىقىمۇ تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

ئۇشاكوف: «بىز ھەقىقەتەن توقۇنۇشنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قىزىقىمىز، ئەمما بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشقىچە، رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى نىشانلىرىغا يېتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

پەيشەنبە (22-يانۋار) كۈنى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كېلىشىم لايىھەسىنىڭ «پۈتۈپ قالاي دېگەنلىكىنى» ئېيتتى ھەمدە ئۆزى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىخەتەرلىك كاپالىتى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بۇ سۆھبەت، يېقىنقى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار باشلانغاندىن بۇيان ۋاشىنگتون، كىيېۋ ۋە موسكۋا ئەمەلدارلىرى قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.