تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى
ئەنقەرە سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئېھتىياتچان دىپلوماتىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ۋەيرانچىلىقتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش كۈرىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىلدا «نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار»نى بىر تەرەپ قىلغان. / AA
 

تۈركىيە دۈشەنبە كۈنى، ئەسەد تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ، سۈرىيە خەلقى «ھۈررىيەت كۈنى» دەپ ئاتىغان بۇ تارىخىي كۈننى قىزغىن مۇبارەكلىدى.

تۈركىيە شۇنداقلا، 13 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، سۈرىيەدىكى نازۇك نورمال ھالەتكە ئۆتۈش باسقۇچىغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەششار ئەسەدنىڭ رۇسىيەگە قېچىپ كېتىشىدىن كېيىن، نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت ئەھمەد شارا (شەرئ) رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ، ئۆتكەن بىر يىلنى «كۆپلىگەن مەسىلىلەر» بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە تېخىمۇ ئاقىلانە، تىنچلىقپەرۋەر تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تەرەپ، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ئەندىشىسى، ئىقتىسادىي چېكىنىش ۋە ھېلىھەم مەۋجۇت ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا قارىماي، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنىنى قايتىدىن تىكلەش يولىدا «مۇقىم قەدەملەر» نى تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر جەريان، رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن توقۇنۇشلارنىڭ قايتا باشلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.

باياناتتا: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سۈرىيەدە مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە پاراۋانلىقنى بەرپا قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىلدى ۋە ئەنقەرەنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىلەر، چېگرا ھالقىغان ياردەم مېخانىزملىرى ۋە مۇساپىرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى