سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پايتەخت كىيېۋغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بالىلار يەسلىلىرى، مەكتەپ بىنالىرى ۋە ھەرخىل پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا قاراتقان ۋە كۈن بويى داۋاملاشقان ھۇجۇملىرىغا باھا بەردى.

شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي: «بۈگۈن پەقەت كىيېۋدىلا رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىككى بالىلار يەسلىسى، ئىككى مەكتەپ، بىر ئادەتتىكى ئولتۇراق بىنا، بىر يېقىلغۇ قاچىلاش پونكىتى، كۆپ ساندىكى ئامبار ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلدى» دېدى.

بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋولودىمىر زېلېنسكىي: «بۇنداق نىشان تاللاشنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بىرلا سۆز بىلەن تېررورىزم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ» دېدى.

زېلېنسكىي ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە جېنىغا زامىن بولغانلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى كۈندىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا 277 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «زىيانغا ئۇچرىغان ئەسلىھەلەر ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئەلچىسىنىڭ تۇرالغۇسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بىر بىنامۇ بار» دېدى.

ھۇجۇملار سەۋەبىدىن دنىپروپېتروۋسك رايونىدا بىر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، سۇمى رايونىدىمۇ بالىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر بىناغا ئوق تەگكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

رۇسىيەگە قاراتقان بېسىمنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئۇكرائىنا رەھبىرى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە، دۆلەت شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ۋە رۇسىيەدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە تاموژنا بېجى قويۇشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزالىغان قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۇ قانۇن تولۇق يولغا قويۇلسا، نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتەلەيدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى