مەككەدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە قارا يامغۇردىن كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ماددىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، نۇرغۇن رايونلارنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىشىغا سەۋەب بولدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەككە شەھىرىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا قارا ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك يامغۇر ياغقان.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، قارا يامغۇردىن كېيىنلا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، شەھەردىكى بەزى كوچا-رەستىلەر، دۇكان ۋە ئىش ئورۇنلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن، موتوسىكلىت ۋە ئاپتوموبىللار ئېقىپ كەتكەن.
كەلكۈن ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنمىغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە مەركىزى مەككە شەھىرىدە قارا يامغۇر، مۆلدۈر ياغىدىغانلىقى ۋە بوران ئاپىتى يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانىدى.