غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 74 مىڭ 746 گە يەتتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى / Anadolu Agency (Wire)
 

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

 شىفا دوختۇرخانىسى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 26 ياشلىق پەلەستىنلىك ئەيمەن زىياد سالىھا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1 نەپىرى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 3 كىشى يارىلانغان.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەندەلۇسىيە مۇنارى ئەتراپىدا پۇقرالار توپلانغان نۇقتىنى كەم دېگەندە 1 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن نىشان قىلىشى نەتىجىسىدە 1 كىشى قازا قىلغان، 3 كىشى يارىلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، سەھىيە مەنبەلىرى غەززە رايونىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سۇدانىيە رايونى بىلەن بەيت لەھيە بازىرىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە 2 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدا 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

غەززە رايونىدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىغا قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 1679 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 مىڭ 100 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 74 مىڭ 746 گە، يارىلانغانلار سانى بولسا 176 مىڭ 234 كە يەتتى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
ئورۇچ رەئىس سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتى پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى