خەلقئارا
0.455 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان 34 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا 71 كىشى قازا قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان 34 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا 71 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە پەلەستىنلىك يارىلاندى.
00:00
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان 34 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا 71 كىشى قازا قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان 34 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا 71 كىشى قازا قىلدى / TRT Uyghur

غەززەدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدىكى قوغدانچىسىز خەلققە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن غەززە رايونىدا ئېلىپ بارغان 34 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا 71 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئونلارچە پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى  ئەسكەرتىلدى، غەززەدىكى پۇقرالار ۋە ئاساسىي قۇرۇلمىلارنى نىشان قىلغان بۇ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قارا تارىخىغا يېزىلغان دەھشەتلىك جىنايەتلەردىن ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئىمكانىيىتى چەكلىك بولغان دوختۇرخانىلار يارىدارلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئېلىپ كېتىشىگە توسالغۇلۇق قىلماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى