فىرانسىيەلىك دېھقانلار پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزدى
فىرانسىيەلىك دېھقانلار «ياۋروپا ئىتتىپاقى – مېركوسۇر» كېلىشىمىنى توختىتىش ئۈچۈن پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
فىرانسىيەلىك دېھقانلار «ياۋروپا ئىتتىپاقى – مېركوسۇر» سودا كېلىشىمىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن پارىژنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرىكەتكە ئۆتتى؛ ئۇلار مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئەرزان باھالىق ماللارنى ئىمپورت قىلىش ۋە تۆۋەن سۈپەت ئۆلچەملىرى سەۋەبىدىن فىرانسىيە يېزا ئىگىلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
فىرانسىيەلىك دېھقانلار يەرلىك يېزا ئىگىلىكىنى جەنۇبىي ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئەرزان باھالىق ماللار بىلەن ئادالەتسىز رىقابەتكە دۇچار قىلىپ، تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، «ياۋروپا ئىتتىپاقى – مېركوسۇر» سودا كېلىشىمىنى بايقۇت قىلىش مەقسىتىدە، بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم تراكتورلىرى بىلەن پارىژغا كىردى.
سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش فىرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىرى بولغان «FNSEA» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان فىرانسىيە ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەردىكى دېھقانلار، «ياۋروپا ئىتتىپاقى – مېركوسۇر» كېلىشىمى ۋە نۇرغۇنلىغان يەرلىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن نامايىشلىرىنى ئۇدا بىرنەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
پارىژ ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا كەم دېگەندە 350 تراكتور قاتناشقان. تراكتورلار ئەترىتىنىڭ بىرى «زەفەر تاقى» (Arc de Triomphe) ئالدىغا توپلانغان بولسا، يەنە بىرى فىرانسىيە پارلامېنت بىناسىغا يېتىپ بارغان.
«FNSEA» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارىژ رايونىدىن كەلگەن دېھقان دامىئېن گرېففىن: «مېركوسۇر كېلىشىمى ياۋروپا پارلامېنتى تېخى ئۆز قارارىنى چىقارمىغان بولسىمۇ ماقۇللاندى. بۇ ئەھۋال فىرانسىيەدە ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئورنىغا، فىرانسىيە يېزا ئىگىلىكىگە مەجبۇرىي تېڭىلغان ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چەت ئەل ماللىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا يول ئاچىدۇ» دېدى.
گرېففىن دېھقانلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتى ئالدىدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 20-يانۋاردا سترازبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا يەنە بىر نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
فىرانسىيەنىڭ رەت قىلىشىغا قارىماي، مېركوسۇر كېلىشىمىنىڭ جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشى؛ ھۆكۈمەتكە بولغان بېسىمنى ھەم دېھقانلار ھەم ئۆكتىچى پارتىيەلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، بەزى ئۆكتىچىلەر ھەتتا ئىشەنچسىزلىك تەكلىپى سۇندى.
باشقا بىر دېھقانلار بىرلىكى بولغان «Coordination Rurale» بولسا، ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنى تۇيۇقسىز بىر ھەرىكەت بىلەن تراكتورلىرىنى ئېيفېل مۇنارى ۋە زەفەر تاقىنىڭ ئاستىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.