خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران بىرىنچى گۇماندار بولسىمۇ، ئامېرىكا دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىش ئېھتىماللىقىنىمۇ تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
تىرامپ ھۆكۈمىتىدىكى بىر ئەمەلدار گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىراننى ھۇجۇملارغا باغلايدىغان ھېچقانداق پاكىت تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۆت ۋەقەنى مۇھىم ئاقىۋىتى بولمىغان كىچىك كاشىلا دەپ سۈپەتلىدى. گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېفىت، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG)، خىمىيەلىك ماددىلار ۋە باشقا خەتەرلىك يۈكلەرنى توشۇيدىغان 50 كە يېقىن پاراخوت نىشان قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئەھۋاللاردا پاراخوت خادىملىرىغا بومبا تەھدىتى ۋە پاراخوتلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىمۇ كەلگەن.
دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە قىسمى ئامېرىكا پورتلىرىغا يېقىنلاشقان پاراخوتلارغا چىقىپ تەكشۈرمەكتە
نىشان قىلىنغان پاراخوتلارنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكاغا قاراپ كېتىۋاتقان بولغاچقا، ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە قىسمى يېقىنقى ھەپتىلەردە كەم دېگەندە تۆت پاراخوتقا تور بىخەتەرلىك ئەترەتلىرىنى ئەۋەتتى. بۇ ئەترەتلەر پاراخوتلار ئامېرىكا پورتلىرىغا يېقىنلاشقاندا پاراخوتقا چىقىپ، ئېھتىماللىقى بولغان بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى تۈزىتىپ، ئاندىن پاراخوتلارنىڭ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.















