سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ۋىتكوفنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانى ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويىدۇ
ۋىتكوفنىڭ تەكلىپى ئىسرائىلنىڭ 125 پالېستىنلىك مەڭگۈلۈك جازا قىلىنغانلارنى، غەززەدىن ئۇرۇلۇپ ئېلىنغان 1,111 كىشىنى، شۇنداقلا 180 پالېستىنلىك ئۆلۈكىنى 10 تىرىك ئىسرائىللىق ۋە 18 ئىسرائىللىق ئۆلۈكى بىلەن ئالماشتۇرۇشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ۋىتكوفنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانى ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويىدۇ
/ AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ30-كۈنى

ۋىتكوفنىڭ تەكلىپى، 10 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ۋە 18 نەپەر ئىسرائىلىيەلىكنىڭ جەسىتىنى ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش، بۇنىڭ بەدىلىگە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 125 نەپەر پەلەستىنلىك، غەززەدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 1111 كىشىنى قويۇپ بېرىش ۋە 180 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى پەلەستىن دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ مۇرەسسەچىلىكى ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تەستىقلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، ئەمما ھاماس تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پىلانغا بەرگەن جاۋابىنىڭ ئاساسلىق تەلەپلەرنى قاندۇرمىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ تەكلىپنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

« Times of Israel» ۋە « Drop Site News » تەرىپىدىن تەپسىلىي خەۋەر قىلىنغان بۇ تەكلىپ، 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى، بۇ مەزگىلدە 10 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە 18 ئەسىرنىڭ جەسىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ بەدىلىگە ئىسرائىلىيەنىڭمۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 125 نەپەر پەلەستىنلىك تۇتقۇن ۋە ئىسرائىلىيە غەززەدىن تۇتۇپ كەتكەن 1111 نەپەر پەلەستىنلىكنى قويۇپ بېرىشىنى ھەمدە 180 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى پەلەستىن دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىلان يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئارقىلىق غەززەگە دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈلۈشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 تەكلىپ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1 - 60 1 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش:

ئۇرۇش توختىتىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ مەزگىلدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا شەخسەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

2 - ئەسىرلەرنى ئىككى باسقۇچتا قويۇپ بېرىش:

10  نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ۋە «58 كىشىلىك تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن باشقا 18 كىشىنىڭ جەسىتى ئىككى باسقۇچتا ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ: يېرىمى بىرىنچى كۈنى (5 ى تىرىك، 9 ى ئۆلۈك ھالدا)، قالغان يېرىمى يەتتىنچى كۈنى ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

3 – ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ غەززەگە يەتكۈزۈپ بېرىلشى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قىزىلئاي جەمئىيىتى قاتارلىق ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلىدىغان ئورگانلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق غەززەگە تېز سۈرئەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىكە كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە داۋاملىشىدۇ.

4 - ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى:

كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھەرىكەتلىرى ئاخىرلىشىدۇ. غەززەنى ھاۋادىن كۆزىتىش ۋە ھەربىي ئۇچۇشلار كۈنىگە 10 سائەت – ياكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كۈنلىرى 12 سائەت – توختايدۇ.

5 – ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى:

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ (غەززەنىڭ شىمالى ۋە نېتزارىم كارىدورى) غا يۆتكىلىشى بىرىنچى كۈنى باشلىنىدۇ ۋە (غەززەنىڭ جەنۇبىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلار ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش خەرىتىلىرىگە ئاساسەن يەتتىنچى كۈنى داۋاملىشىدۇ. تېخنىكىلىق گۇرۇپپىلارنىڭ يېقىنلىشىش سۆھبەتلىرى جەريانىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قايتا ئورۇنلىشىشىنىڭ چەك – چېگرالىرى بېكىتىپ چىقىلىدۇ.

6 – ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش:

ئامېرىكا، مىسىر ۋە قاتارنىڭ ھىمايىسىدە رەسمىي سۆھبەتلەر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ، ئاخىرقى قېتىملىق ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى ۋە غەززەنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئائىت ئورۇنلاشتۇرۇشلار – «كېيىنكى كۈن» باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئاخىرقى نىشان 60 كۈندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتۇر.

7 - پىرېزىدېنتلىق ۋەدىسى:

پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ باسقۇچنى تولۇق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەم توقۇنۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

8 – ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش شەرتلىرى:

ئىسرائىلىيەلىك 10 نەپەر ئەسىر قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە، ئىسرائىلىيە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 125 نەپەر پەلەستىنلىك بىلەن 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن 1111 نەپەر پەلەستىنلىكنى قويۇپ بېرىدۇ. قازا قىلغان ئىسرائىلىيەلىك  18 ئەسىر ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە، ئىسرائىلىيە غەززەدىن 180 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە جەسەتلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش بىرىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى بولۇپ ئىككى تۈركۈمدە  ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئاممىۋى مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.

9 - ئۆزئارا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش:

10 - كۈنىگىچە ھاماس قالغان بارلىق ئەسىرلەرنىڭ تىرىك ياكى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات سۇنىدۇ. ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلار ۋە قازا قىلغان كىشىلەر ھەققىدە تولۇۇق مەلۇمات بېرىدۇ. ھاماس ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە ئەسىرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

10 - قالغان ئەسىرلەر:

ئەگەر 60-كۈنىگىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنسا، «58 كىشىلىك تىزىملىك» تىكى بارلىق ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلىدۇ. سۆھبەتلەر سەمىمىي نىيەت بىلەن داۋاملاشقان، ئەمما تاماملىنالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇددىتى ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشكەن شەرتلەر ئاستىدا ئۇزارتىلىشى مۇمكىن.

11 – مۇرەسسەچىلىك كاپالەتلىرى

ئامېرىكا، قاتار ۋە مىسىر ئۇرۇش توختىتىش ھەم تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت باسقۇچىغا كاپالەتچى بولىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلەرگە ئەستايىدىل قاتنىشىشى ۋە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشى ئۈچۈن تىرىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

12 - ئەلچىنىڭ نازارىتى:

ۋىتكوف سۆھبەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە شەرتلەرنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن رايونغا يېتىپ بارىدۇ.

13 - پىرېزىدېنتلىق ئۇقتۇرۇشى:

پىرېزىدېنت ترامپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى شەخسەن ئېلان قىلىدۇ ۋە ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى ھاسىل قىلىنغانغا قەدەر سۆھبەت باسقۇچىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز