تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى.
«تېررورسىز تۈركىيە» مۇساپىسىنىڭ پەقەت بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «تېررورلۇق مەسىلىسى تۈگىگەندە، ئەلۋەتتە، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بارلىق مەسىلىلىرى ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ. ئالدىمىزدا پۇقراۋى سىياسەتنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، دېموكراتىيەنى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن قالغان ئاساسىي قانۇن نومۇسىدىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە جەمئىيەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر بار ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولىدۇ. دۇنيا ئۆزگەرگەنسېرى، تۈركىيە ئۆزگەرگەنسېرى جەمئىيەتنىڭ ئۈمىد-تەلەپلىرىمۇ ئۆزگىرىپ، سىياسەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.»
سىياسەتنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «سىياسەتنىڭ ماھىيىتى پىكىرلىشىش، سۆھبەت ۋە ئورتاق تونۇش دائىرىسىدىكى رىقابەتتۇر. تۇنجى كۈندىن بۇيانقى مەيدانىمىز ئېنىق. كىم تۆھپە قوشۇشنى خالىسا، كىم بىزگە ھەل قىلىش تەكلىپى ئېلىپ كەلسە، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز. بولۇپمۇ تېررورسىز تۈركىيە مۇساپىسىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ كەڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈش نىيىتىمىز بار. ئەمما بۇنداق بىر مەسىلىنىڭ سىياسىي پوپۇزا قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇشىغا يول قويمايمىز. (...) بىز بۇ مۇساپىنىڭ قانداق باشلانغان ۋە بۈگۈنكى باسقۇچقا قانداق يېتىپ كەلگەن بولسا، نىشانغا يەتكۈچە شۇنداق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر قەدەممۇ چېكىنمەي، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ مەسىلىنى خەلقنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.




















